Chinese→Uyghur主要词典
拉罗克
دۇنيا تارىخى
لاروك
(1885 - 1946) فرانسىيىلىك فاشىست. كەسپىي ئوفىتسرلىقتىن كېلىپ چىققان. بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1922 - 1924 - يىللىرى فرانسىيە ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن بىللە پولشاغا بارغان. كېيىن فرانسىيەنىڭ ماراكەشتە تۇرۇشلۇق مۇستەملىكىچى ئارمىيىسى ئاخبارات باشقارمىسىغا رەھبەرلىك قىلىپ، شۇ يەرلىك خەلقنىڭ قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشقا قاتناشقان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئوت كرېست قوشۇنى، فرانسىيە سوتسىيالىستلار پارتىيىسى، فرانسىيە سوتسىيال تەرەققىيپەرۋەرلەر پارتىيىسى قاتارلىق فاشىستىك تەشكىلاتلارغا رەھبەرلىك قىلغان. 1934 - يىلى 2 - ئايدا فاشىستلار پارىژدا قوزغىغان توپىلاڭغا قاتناشقان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ۋىشى ھۆكۈمىتىگە يان باسقان، كېيىن گېرمانىيە ئىشغالىيەتچى ئارمىيىسى بىلەن زىددىيەتلىشىپ قالغاچقا، 1943 - 1945 - يىللىرى گېرمانىيىدە قاماپ قويۇلغان. فرانسىيە ئازاد بولغاندىن كېيىن چاقىرتىپ كېلىپ سوراق قىلىنغان. كۆپ ئۆتمەي كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كەتكەن.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
lā luó kè
لاروكې