Uyghur主要词典
لاكشىمى باي
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن 1835 - 1858) 1857 - يىلىدىكى ھىندىستان مىللىي چوڭ قوزغىلڭىنىڭ رەھبەرلىرىدىن بىرى. جانسى بەگلىكى پادىشاھىنىڭ خانىكىسى، ئادەتتە جانسىنىڭ ئايال پادىشاھى دەپ ئاتىلىدۇ. 1853 - يىلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەندە زېمىنى قوشۇۋېلىنغان. چوڭ قوزغىلاڭ پارتلىغاندىن كېيىن، ئارمىيە ۋە خەلققە باشچىلىق قىلىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئەنگلىيە ئارمىيىسىنى قوغلاپ چىقىرىپ، دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرگەن. 1858 - يىل 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى جانسى قولدىن كەتكەندىن كېيىن، قوزغىلاڭچىلار قوشۇنىنىڭ يەنە بىر رەھبىرى تانتىئا توپى بىلەن كالپى ۋە گۋالىئوردا ئايلىنىپ يۈرۈپ ئۇرۇش قىلغان. 6 - ئايدا ماراردا مەغلۇپ بولۇپ، 18 - كۈنى قۇربان بولغان.