Chinese→Uyghur主要词典
来山得
دۇنيا تارىخى
ليساندېر
(مىلادىدىن ئىلگىرى ؟ - 395). سپارتا ھەربىي باش قوماندانى. نامرات ئائىلىدىن كېلىپ چىققان. كېيىن پۇقرالىق ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، سپارتانىڭ مەشھۇر سەركەردىسىگە ئايلانغان. پېلوپوننېس ئۇرۇشىنىڭ كېيىنكى مەزگىلىدە، مىلادىدىن 408 يىل ئىلگىرى سپارتا فلوتىغا قوماندانلىق قىلىپ نوتىئۇم دېڭىز تۇمشۇقىدا ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلغان. كىچىك ئاسىيادىكى ئېفسوسنى تايانچ پونكىت قىلىپ، سپارتانىڭ تەسىرىنى كېڭەيتكەن. مىلادىدىن 405 يىل ئىلگىرى ھېلېلسپونت بوغۇزىدىكى ئىگوسپوتام (تىكە) دەرياسى بويىدىكى جەڭدە ئافىنا دېڭىز ئارمىيىسىنى ئېغىر چىقىمغا ئۇچرىتىپ (پەقەت كوتون قوماندانلىقىدىكى سەككىز ھەربىي كېمىسى قېچىپ قۇتۇلالىغان)، ئافىنانىڭ مەغلۇبىيىتى مۇقىملاشقان. ئۇنىڭدىن كېيىن توپتوغرا ئانتىكاغا بېسىپ كىرىپ، <ئۇزان سېپىل> نى بۆسۈپ ئۆتۈپ، پىرائېۋس پورتىنى ئالغان، مىلادىدىن 404 يىل ئىلگىرى ئافىنا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان؛ ئافىنا تەسلىم بولۇپ، شۇنىڭ بىلەن پېلوپوننېس ئۇرۇشى ئاياغلاشقان. كېيىن ئافىنادا كىرىتىي باشچىلىقدىكى ئوتتۇرا زالىم ھۆكۈمرانلىقىنى يۆلەپ تۇرغۇزغان، باشقا شەھەر دۆلەتلەردىمۇ بارلىق كۈچى بىلەن ئاقسۆڭەكلەر تەسىر كۈچىنى يۆلەپ، دېموكراتىك ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، سپارتانىڭ پۈتكۈل گرېتسىيىدىكى خوجايىنلىق قىلىش ئورنىنى تىكلەشكە ئۇرۇنغان؛ ئۇنىڭ كېڭەيمىچىلىك قىلىش، مۇداخىلە قىلىش سىياسىتىنى، ھەرقايسى شەھەر دۆلەتلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغان. ئۇزاق ئۆتمەي يۇرتىغا قايتىپ كېلىپ، سپارتادىكى كاتتا بايلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالغان. مىلادىدىن تەخمىنەن 973 يىل ئىلگىرى پادىشاھ ئاگېس Ⅱ ئۆلۈپ ئاگېسلاۋىنى تەختكە چىقىرىشتا تۆھپىسى بولغاچقا، سېناتقا قاتناشقان. ھوقۇقىنىڭ ئېشىپ بېرىشى بىلەن قارا نىيىتىنى ئاشكارىلىغان، شائىرلارنىڭ مەدھىيىلىرىنى قوبۇل قىلغان ھەتتا كىشىلەرنى ئۇنىڭغا ئاتاپ ئىبادەتخانا سېلىپ چوقۇنۇشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئاقسۆڭەكلەر گۇرۇھىنىڭ ئەندىشە ۋە قارشىلىقىنى قوزغىغان. مىلادىدىن 395 يىل ئىلگىرى كورىنتوس ئۇرۇشى پارتلاپ تېبىسلىقلار بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۆلگەن.