Uyghur主要词典
لايىق
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئوغۇل - قىز تۇرمۇش قۇرۇشقا پۈتۈشۈپ قويغان ئوبيېكت، نىشان.
لايىق تاپماق، لايىق چىقماق. * لايىقى يوق قىزغا ئۆز ئۆيىدىن كۈندەش چىقار (ماقال). * ئولتۇرۇپ قالغان قىز لايىقىنى ئۆز تاپار (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
سۈپەت.
مۇۋاپىق، مۇناسىپ، ئەرزىيدىغان.
ھۈرمەتكە لايىق ئادەم.* بۇ كىيىم ساڭا لايىق. * بۇ ئىشنى لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىش لازىم.
يىرتقۇچ بۆرە گەر ئۆلۈمگە لايىق،
زالىم ئۇنىڭدىن يامان، خالايىق.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
قابىلىيەتلىك، ياراملىق، تالانتلىق، قولىدىن ئىش كېلىدىغان؛ لايىق، مۇۋاپىق، ئەرزىيدىغان؛ كېرەكلىك؛ لايىقانە - ئەرزىيدىغان، ماختاشقا ئەرزىيدىغان.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
دەل جايىدا، ئېشىپمۇ كەتمىگەن، كېمىپمۇ قالمىغان. تازا جىپسا، ياپسا.
باپ كەلگەن ئىشتا پايدا بار. ئۆتكەندىكى تەجرىبىنىڭ ھازىرغا ئۇيغۇن كېلىشى ناتايىن. ۋاقىتنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش ۋاقىتنى تېجەش بىلەن باراۋەر. مۇۋاپىق پەيىتتە مۇۋاپىق ئىش قىلىش _ ئۇلۇغ سەنئەت. مۇناپىق دوستلۇققا ئەمەستۇر لايىق؛ مۇناپىقنى مۇناپىق بىل، مۇناپىق. لايىقىدا بولغان ئىشتا بەرىكەت بار. سۆزۈڭگە ئىشىڭ ماس كەلسۇن.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
يىگىت - قىز تۇرمۇش قۇرۇشقا نىشانلىغان قىز - يىگىت.
لايىقىڭ سەت بولسا، قېيىن ئاناڭنىڭ كۆركىدىن نېمە پايدا !؟ ئوبيېكتى يوق قىزغا ئۆز ئۆيىدىن كۈندەش چىقار. سۆيگۈنۈڭنىڭ قەدىرىنى قايغۇرغاندا بىلەرسەن.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن، ماس، دەل كەلگەن.
ناباپ، نامۇۋاپىق، نالايىق، نامۇناسىپ
ئىش - ھەرىكەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، ماس، دەل كەلمەيدىغان.
باپ كەلگەن ئىشتا پايدا بار. ئۆتكەنكى تەجرىبىنىڭ ھازىرغا مۇۋاپىق كېلىشى ناتايىن. مۇناپىق دوستلۇققا ئەمەستۇر لايىق. ئۆزۈڭگە مۇناسىپ گەپنى قىل، ناباپ دوستتىن ۋاز كەچ. نالايىق ئىش بىر كۈن بولمىسا بىر كۈن بىلىنىدۇ. نامۇۋاپىق ئىش يامان نەتىجە بېرىدۇ. ئۆزۈڭگە نامۇناسىپ ئىشنى قىلما.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەرەبچە
سۈپ. توغرا، ماس كېلىدىغان؛ مۇۋاپىق، مۇناسىپ، سازاۋەر.
ئۇ خەلق ئوقۇتقۇچىسى بولۇشقا لايىق.
ھەقىقىي ھۆرمەتكە لايىق ئادەم مەن ئەمەس، سىز.
سۈپ. باب، مۇۋاپىق.
لايىق ئادەم.
لايىق كۆرمەك.
بۇ ماگىزىندا ماڭا لايىق كېلىدىغان كىيىم - كېچەك يوق ئىكەن.
سۈپ. تېگىشلىك، ھەقلىق.
جازالاشقا لايىق. مۇكاپاتلاشقا لايىق.
ئى.قىزنىڭ تاللىغان يىگىتى ياكى يىگىتنىڭ تاللىغان قىزى. ئوبيېكتى.
لايىق ئىزدىمەك.
ئۇ قىزنىڭ لايىقى بار.