Uyghur主要词典
لاگېركۋىست
دۇنيا تارىخى
(1891 - 1974) شۋېتسىيىلىك شائىر، يازغۇچى ۋە ئەدبىي تەنقىدچى. يۇرتىدىكى ۋىكيو ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. فرانسىيە، ئىتالىيە، گرېتسىيە، تۇنىس، مىسىر، پەلەستىن قاتارلىق جايلارنى ساياھەت قىلغان. جەمئىيەتتىكى ئادالەتسزلىككە نارازى بولۇپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرغان، فاشىستلارنىڭ ۋەھشىي ھۆكۈمرانلىقىنى سۆككەن. ئەسەرلىرىدە كۆپىنچە كشىلەرنىڭ قەلب ھەرىكىتى ۋە ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەشنى يازغان. 1951 - يىلى نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن شېئىرلار توپلىمى <ھەسرەت>، <پەتەك> ناملىق رومانى قاتارلىقلار بار.