Chinese→Uyghur主要词典
拉甫罗夫
دۇنيا تارىخى
لاۋروۋ
(1823 - 1900). روسىيىلىك سوتسىئولوگ، نارودنىك مۇتەپەككۇر. پومېشچىك ئائىلىسىدىن كېلىپ چىققان. پېتېربۇرگ توپچىلار ئىنىستىتۇتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى بولغان. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يەر ۋە ئەركىنلىك پارتىيىسى بىلەن خەلق ئىرادىسى پارتىيىسىگە قاتناشقان. 1870 - يىلى چەت ئەلگە قېچىپ كەتكەن، بىرىنچى ئىنتېرناتسىئونال ۋە پارىژ كوممۇنىسىنىڭ پائالىيىتىگە قاتناشقان ھەمدە <ئالغا> ژورنىلىنى نەشىر قىلىپ، روسىيىدە ئىنقىلابىي ئىدىيىنى تەشۋىق قىلغان. لېكىن ماركسىزمغا قارشى تۇرۇپ، <سوتسىئولوگىيىدىكى سۇبيېكتىپ ئۇسۇل> نى ھىمايە قىلغان. تارىخ - يەككە - يېگانە تاسادىپىي ۋەقەلەرنىڭ يىغىندىسى؛ ئىجتىمائىينىڭ ئوبيېكتى ئىجتىمائىي تۇرمۇش ئەمەس، بەلكى شەخسلەر ۋە ئۇلارنىڭ كەلگۈسى تۈزۈم ھەققىدىكى غايىسى؛ كېسىپ ئېيتقاندا جەمئىيەت تەرەققىياتى <تەنقىدىي تەپەككۈر ئىقتىدارىغا ئىگە كىشىلەر>، يەنى قەھرىمانلارنىڭ پائالىيىتنىڭ نەتىجىسى، دەپ قارىغان. دېھقانلارنى سوتسىيالىزمنىڭ يېتەكچى كۈچى دەپ قارىغان. ئىنقىلابىي زىيالىيلارنى <خەلق ئارىسىغا بېرىش> قا چاقىرىق قىلغان. ئاساسلىق ئەسەرلىرىدىن <تارىخىي خەت - چەكلەر> قاتارلىقلار بار.