Chinese→Uyghur主要词典
拉芳坦
دۇنيا تارىخى
لافونتائىن
(1854 - 1943) بېلگىيىلك خەلقئارا قانۇنشۇناس، خەلقئارا تىنچلىق بيۇروسىنىڭ رەئىسى (1907 - 1943). بېريۇسسېلدا تۇغۇلغان. بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن. 1877 - يىلى سودىيە بولغان، كېيىن خەلقئارا قانۇننى تەتقىق قىلىش بىلەن داڭقى چىققان. 1893 - يىلى بىريۇسسېل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خەلقئارا قانۇن پروفېسسورى بولغان. 1895 - يىلى سوتسىيالىستلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى سۈپتىدە كېڭەش پالاتاسىغا كىرگەن. 1919 - 1932 - يىللىرى كېڭەش پالاتاسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى بولغان. خەلقئارا كېسىمگە ئىنتايىن قىزىققان، 1899 - ۋە 1907 - يىللىرىدىكى ئىككى قېتىملىق دېڭىز ئارمىيە يىغىنىدا پائالىيەت ئېلىپ بارغان. 1919 - يىلى بېلگىيە ۋەكىلى بولۇپ پارىژ سۈلھ يىغىنىغا قاتناشقان. 1920 - ۋە 1921 - يىللىرى بېلگىيىنىڭ خەلقئارا ئىتتىپاقتا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى بولغان. خەلقئارا ماتېرىياللار ئورنىنىڭ مۇدىرى ۋە خەلقئارا ئىتتىپاقىنىڭ كاتىپى بولغان. شۇنداقلا <خەلقئارا قانۇن ۋە تىنچلىق توغرىسىدىكى كىتاب - ژورناللارنىڭ كاتولىكى>، <بىر چوڭ مەسىلىنىڭ ھەل قىلىنىشى> قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. 1913 - يىلى روئوت (1845 - 1937) بىلەن بىرلىكتە نوبىل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئىگە بولغان.