Chinese→Uyghur主要词典
拉丁姆
دۇنيا تارىخى
لاتىئۇم
قەدىمكى ئىتالىيىدىكى تىبىر دەرياسنىڭ تۆۋەنكى ئېقىنىنىڭ جەنۇبىدىكى رايوننىڭ نامى. رىم دۆلىتى كېلىپ چىققان جاي. دەسلەپتە تىبىر دەرياسىدىن كىرسەيگىچە بولغان جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىرىنچى تۈركۈم ئاھالىسى لاتىنلار بولغاچقا لاتىئۇم دەپ ئاتالغان. ئېيتىشلارغا قارىغاندا لاتىنلار (ئەسلى نامى ئابورىگىنلار) دېگەن بۇ نام پادىشاھ لاتىندىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئۇ تەختكە ئولتۇرغان چاغدا لائورېنتۇم (تىبىر دەرياسى ئېغىزىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا)نى پايتەخت قىلغان. كېيىن دائىرىسى كېڭىيىپ، سولىسلار (جەنۇبىي قىسمى)، ھېرنىسلار (شەرقىي قىسمى) قاتارلىق ئاھالە ئولتۇراقلاشقان رايونلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ رىمنىڭ كېڭىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇنىڭ جەنۇبىي چېگرىسى كامپانىيىگە تۇتاشقان.
دۇنيا يەر - جاي ناملىرى
lā dīng mǔ
لاتىئوم