Chinese→Uyghur主要词典
拉丁美洲经济体系
دۇنيا تارىخى
لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي سىستېمىسى
لاتىن ئامېرىكسى دۆلەتلىرىنىڭ رايون خاراكتىرلىك ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتى. 1975 - يىلى 3 - ئايدا مېكسىكا بلەن ۋېنسۇئېلا ئىككى دۆلەتنىڭ زۇڭتۇڭلىرى لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىساىي سىتېمىسى قۇرۇش توغرىسىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئېلان قىلغان. شۇ يىلى 10 - ئايدا 23 لاتىن ئامېرىكىسى دۆلەتلىرىنىڭ ۋاكىلى پاناما شەھىرىدە <پاناما كېلىشىمى> نى ئىمزالاپ بۇ تەشكىلاتنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان. ئۇنىڭ مەقسىتى ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى تېزلىتىش ئۈچۈن بۇ رايوننىڭ ئىچكى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش؛ خەلقئارالىق ئورگان ۋە يىغىنلاردا شۇنىڭدەك باشقا دۆلەتلەرگە نىسبەتەن ئورتاق مەيدان ۋە ستراتىگىيە قوللىنىش ئۈچۈن، كېڭىشىشى ۋە ماسلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بىر خىل تۈزۈمنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشتىن ئىبارەت. بۇ سىستىما قۇرۇلغاندىن كېيىن كۆپ قېتىم مىنسىتىرلار يىغىنى ۋە مۇتەئەسسىپلەر يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، بەزى ھەمكارلىق پىلانلىرىنى تۈزۈپ چىققان ھەمدە بىرقاتار خەلقئارالىق ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە نىسبەتەن ئورتاق مەيدان بەلگىلەنگەن. 1975 - يىلى كارىپ دۆلەتلىرى دېڭىز نەقلىياتى شىركىتىنى قۇرغان. 1977 - يلى كانادا ھۆكۈمتى بىلەن كاناد خەلقئارا ئۆزلەشتۈرۈش مەھكىمىسى لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي سىستىمىسىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش توغرىسىدا كېلىشىم ھاسىل قىلغان. 1982 - يىلى 8 - ئايدا لاتىن ئامېرىكىسى مۇدىرىيىتىنىڭ سەككىزىنچى قېتىملىق مىنىستىرلار يىغىنى <لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي بىخەتەرلىك ۋە مۇستەقىللىك ستراتېگىيىسى>نى ماقۇللىغان. تەشكىلاتىنىڭ ئالىي ئورگىنى لاتىن ئامېرىكىسى مۇدىرىيىتى، دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى ۋېنسۇئېلانىڭ پايتەختى كاراكاستا تەسىس قىلىنغان.
پۇل - مۇئامىلە
lā dīng měi zhōu jīng jì tǐ xì
لاتىن ئامېرىكىسى ئىقتىسادىي سستېمىسى