Uyghur←Chinese主要词典
كىئوس چوڭ قىرغىنچىلىقى
دۇنيا تارىخى
希俄斯大屠杀
xī é sī dà tú shā
1822 - يىلى تۈركلەرنىڭ كىئوس ئارىلىدىكى (ئېگېي دېڭىزىدا) گرېك ئاھالىسىگە ئېلىپ بارغان قانلىق زوراۋانلىق ھەرىكىتى. 1821 - يىلى گرېتسىيە مىللىي مۇستەقىللىك ئۇرۇشى پارتلىغان. 1822 - يىلنىڭ باشلىرىدا مىللىي پارلامېنت ئاپدولىسدا گرېتسىيىنىڭ مۇستەقىللىكىنى جاكارلىغان. تۈركىيە ھۆكۈمىتى ۋەھشىي ۋاستىلەر بىلەن گرېك ئاھالىلىرىنى باستۇرۇپ كىئوس ئارىلىدىكى 23 مىڭ ئاھالىنى قىرغىن قىلغان، 47 مىڭ ئاھالىنى قۇل قىلىپ ساتقان، شۇنىڭ بىلەن بۇ ئارال ئۇزاق ۋاقىتقىچە خارابلاشقان.