Uyghur主要词典
كىۋۇ كۆلى
سۇ ۋە دېڭىز ئوكيانلار
كىۋۇ كۆلى شەرقىي ئافرىقا چوڭ يېرىلما بەلۋېغىغا جايلاشقان كۆل. بۇ كۆلدە ئاجايىپ - غارايىپ ھادىسىلەر كۆرۈلىدۇ: يەنى كۆل سۈيى بەزىدە ئۇشتۇمتۇتلا قايناپ كېتىدۇ، بۇ خىل قايناش بەزىدە بىرقانچە ھەپتە داۋاملىشىدۇ، سۇ قاينىغاندا بېلىق پىشۇرۇشقىمۇ بولىدۇ. يەرلىكلەر بېلىقنى كۆل سۈيىگە چىلاپ پىشۇرۇپ يېيىشنى ياخشى كۆرىدۇ.
كۆل سۈيى نېمە ئۈچۈن بۇنداق قاينايدۇ؟ ئەسلىدە كۆلدىن ئانچە يىراق بولمىغان جايدا بىر يانار تاغ بار بولۇپ، يانار تاغ ئېتىلغاندا ئىنتايىن قىزىق ماگما كۆلگە ئېقىپ كىرىپ، كۆل سۈيىنى قاينىتىۋېتىدىكەن.
تېخىمۇ غەلىتە يېرى شۇكى، بۇ كۆلنىڭ تېگىدە زور مىقداردا پاتقاق گازى بار ئىكەن. مۆلچەرلىنىشىچە، كۆلىمى2650 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدىغان كىۋۇ كۆلى تېگىدە،300 مىليارد كۇب مېتىردىن ئارتۇق پاتقاق گازى بار ئىكەن، بۇ پاتقاق گازى كۆيدۈرۈلسە، چىقىرىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارى60 مىليون توننا نېفىت كۆيدۈرۈلسە چىقىرىدىغان ئىسسىقلىققا باراۋەر كېلىدىكەن. شۇڭا، كۆلنىڭ ئىككى قىرغىقىغا جايلاشقان زايىر بىلەن رۋاندا دۆلىتى بۇ پاتقاق گازىنى ئېچىپ، ئۇنى ئىچىدىن يانىدىغان دۋىگاتېلنىڭ يېقىلغۇسى قىلماقتا.
بۇنداق كۆپ پاتقاق گازى زادى نەدىن كەلگەن؟ ئەسلىدە كىۋۇ كۆلىنىڭ تېگىدە زور مىقداردىكى چىرىگەن جانلىقلارنىڭ قالدۇقى بار بولۇپ، ئورگانىك ماددىلار ناھايىتى مول ئىكەن، يەنە كېلىپ بۇ يەردە ئوكسىگېن ئىنتايىن كەمچىل بولغاچقا، ئوكسىگېنسىز مۇھىتنى خالايدىغان باكتېرىيىلەر زور مىقداردا كۆپەيگەن. بۇ باكتېرىيىلەرنىڭ ئورگانىك ماددىلارنى كۆپلەپ پارچىلىشىدىن پاتقاق گازى ھاسىل بولغان ھەمدە ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ پاتقاق گازى يىغىلىپ «ئېنېرگىيە ئامبىرى» غا ئايلانغان.
دۇنيادىكى شەھەرلەر
ئافرىقىدىكى زايىر، ھوۋاندا دۆلەتلىرى چېگرىسىغا جايلاشقان تاتلىق سۇلۇق كۆل. يەر قاتلىمىنىڭ ئۈزۈلۈپ ئولتۇرۇشىدىن شەكىللەنگەن. سۇ يۈزىنىڭ ئېگىزلىكى 1460 مېتىر كېلىدۇ، شىمالدىن جەنۇبقا ئۇزۇنلۇقى 96 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى 48 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، كۆلىمى 2816 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ئوتتۇرىچە چوڭقۇرلۇقى 240 مېتىر، ئەڭ چوڭقۇر جايى 488 مېتىرغا يېتىدۇ. كۆل سۈيى جەنۇبقا قاراپ ئېقىپ رۇزىزى دەرياسى ئارقىلىق تانگانىكا كۆلىگە قۇيۇلىدۇ. كۆلدە بېلىق ۋە سۇ قۇشلىرى ناھايىتى كۆپ. كۆلنى ئېگىز تاغلار قورشاپ تۇرغانلىقتىن، كۆلنىڭ قىرغاقلىرى ناھايىتى تىك، كۆلدە ئۇششاق ئاراللار خېلى كۆپ بولۇپ، مۇھىم دەم ئېلىش ئورۇنلىرى ھېسابلىنىدۇ. كۆل ياقىسىدا بۇكائۇ، كىسېنىي قاتارلىق پورتلار بار.