Uyghur主要词典
كۋاتىرنىك
دۇنيا تارىخى
(1825 - 1871) كرودىيىلىك سىياسىي پائالىيەتچى، ئادۋوكات، سىياسىي ئوبزورچى. 1844 - 1848 - يىللىرى پېشتىدا قانۇن، پېداگوگىكا ئۆگەنگەن. ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ روسىيە، فرانسىيە ۋە ئىتالىيىدە مۇھاجىر بولۇپ تۇرغان. 60 - يىللارنىڭ ئاخىرى كرودىيىدىكى ئۇششاق بۇرژۇئا رادىكاللىرىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان ھوقۇق پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، <تارىخ ۋە تەڭرى ئاتا قىلغان ھوقۇق> ئاساسىدا كرودىيە خەلقىنىڭ بىرلىكى ۋە مۇستەقىللىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ <كرودىيە بىلەن ئىتالىيە ئىتتىپاقى>، <سىياسىي تەتقىقات> ۋە <كرودىيە كاپىتالىستلىرى> ناملىق ئەسەرلىرى بار. 1871 - يىلى ھابسبۇرگ خاندانلىقىغا قارشى قوزغىلاڭنى سەپەرۋەر قىلغانلىقى ئۈچۈن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان.