Uyghur主要词典
كۇزۇخارا شىنىۋۇ
دۇنيا تارىخى
(1561 - 1619) ياپونىيە يېغىلىق دەۋرىنىڭ كېيىنكى مەزگىلى ۋە ئېدو دەۋرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئالىم. بومۇ (بۈگۈنكى خېگو ناھىيىسى) دە تۇغۇلغان. ياش ۋاقتىدا راھىب بولغان. كيوتودا تۇرغاندا جۇشى ئىلمىنى ئۆگەنگەن، چىن - جۇ ئىلمىي، لۇ - ۋاڭ ئىلمىي ئېقىمىنىمۇ ھۆرمەتلىگەن. ئىلاھىيەت بىلەن كۇڭزىچىلارنىڭ بىردەك بولۇشىنى تەشەببۇس قىلغان، بىراق بۇددا دىنىنى چەتكە قاقمىغان. كەڭ دائىرىدە دوست تۇتقان، ئاقسۆڭەك، فېئودا خوجىدارلار بىلەنمۇ ئالاقىلەشكەن. ئۇنىڭ مۇرىتلىرى ناھايىتى كۆپ. بۇلارنىڭ ئىچىدە لىن لوشەن، ماتسۇناگا سېكىگو (1657 - 1592)، ناباخۇسۇ (1595 - 1648)، چوشېڭئەن (1585 - 1642) كوزۇخارا جەمەتىدىكى تۆت خان دەپ ئاتالغان. كېيىنكىلەر ئۇنى ياپونىيىدىك كۇڭزى ئىلىمىنىڭ ئاساسچىسى دەپ كۆرسەتكەن. <تۆت كىتاب، بەش دەستۇر ھەققىدە> قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان.