Uyghur←Chinese主要词典
كۇئىسلىڭ
دۇنيا تارىخى
吉斯林
jí sī lín
(1887 - 1945) ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدىكى نورۋېگىيە قورچاق ھۆكۈمىتىنىڭ باش ۋەزىرى. نورۋىگىيە ھەربىي ئىنىستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1918 - 1921 - يىللىرى پېتروگراد ۋە ھېلسىنكىدا ھەربىي ئەمەلدار بوغان. 1827 - 1929 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقىدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىدا ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1931 - 1933 - يىللىرى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولغان. 1933 - يىلى فاشستىك پارتىيە - <مىللىي بىرلىك پارتىيىسى>نى تەشكىللىگەن. 1940 - يىلى 4 - ئايدا گېرمانىيەنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ نورۋىگىيەگە ھۇجۇم قىلىشىغا ياردەملىشىپ، قورچاق ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىققان ھەمدە بۇ ھۆكۈمەتنىڭ باش ۋەزىرى بولغان، ئۇزاق ئۆتمەي تاشلىۋېتىلگەن. 1942 - يىلى 2 - ئايدا يەنە باش ۋەزىر بولغان. 1945 - يىلى 5 - ئايدا نورۋېگىيە ئازاد بولغاندا قولغا ئېلىنىپ، 10 - ئايدا ئۆلتۈرۋېتىلگەن. <كۇئىسلىڭ> كېيىن ۋەتەن ساتقۇچ دېگەن سۆزنىڭ ئالمىشىشى بولۇپ قالغان.