Chinese→Uyghur主要词典
库西宁
دۇنيا تارىخى
كۇسسىنېن
(1881 - 1964) سابىق سوۋېت كومپارتىيىسى ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن بىرى.فىنلاندىيىلىك تىككۈچى ئىشچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1904 - يىلى فنلاندىيە سوتسىيال دېموكراتىك پارتىيىسىگە قاتناشقان. 0519 - يىلىدىكى ئىنقىلاب مەزگىلىدە فىنلاندىيە سوتسىيال دېموكراتلار پارتىيىسىگە قاتنىشىپ، خېلىسنكىدا ئىشچىلار قىزىل گۋاردىيە ئەترىتىنى تەشكىللىگەن. 1911 - 1917 - يىللىرى فنلاندىيە سوتسىيال دېموكراتىك ئىشچىلار پارتىيىسى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان. 1918 - يىلىدىكى فىنلاندىيە ئىشچىلار ئىنقىلابىنىڭ يولباشچىسى ۋە فنلاندىيە كومپارتىيىسىنى قۇرغۇچىلاردىن بىرى. 1921 - 1939 - يىللىرى كوممۇنىستىك ئىنتىرناتسىئونال ئىجرائىيە كومىتېتى سېكرىتارى بولغان. 1940 - 1953 - يىللىرى كارىلوفىن ئالىي سوۋېتى پرىزدىئومىنىڭ رەئىسى بولغان. 1941 - يىلى سوۋېت ئىتتپاقى كومپارتىيىسى (بولشېۋىكلار) مەركىزىي كومىتېتى ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. 1957 - يىلىدىن باشلاپ سوۋېت ئىتتىپاقى كومپارتىيىسى مەركىزىي پرىزدىئومنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېتىنىڭ سېكرىتارى بولۇپ كەلگەن. 1956 - 1962 - يىللىرى سوۋېت ئىتتىپاقى ئالىي سوېتى مىللەتلەر پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى بولغان.