Chinese→Uyghur主要词典
库图佐夫
دۇنيا تارىخى
كۇتۇزوۋ
(1745 - 1813) روسىيە مارشالى. توپىلاڭچىلار قۇرۇلۇش مەكتىپىنى پۈتتۈرگەن. 1768 - 1774 ۋە 1787 - 1891 - يىللىرىدىكى روسىيە - تۈركىيە ئۇرۇشىغا قاتناشقان. 1792 - 1794 - يىللىرى ئەلچىلەر ئۆمىكىنى باشلاپ تۈركىيىگە بېرىپ دىپلوماتىيە سۆھبىتى ئېلىپ بارغان. 1794 - يىلدىن باشلاپ ئوفىتسىر - ئەسكەرلەر ھەربىي مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، روسىيەنىڭ فىنلاندىيەدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى، لاتۋىيە، پېتېربۇرگ ئوبلاستىنىڭ باشلىقى بولغان. 1805 - يىلى روسىيە، ئاۋسترىيە، ئەنگلىيەئىتتىپاقداش ئارمىيىسى ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇش قىلغاندا روسىيەنىڭ ئاۋستىرىيىدە تۇرۇشلۇق ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. ئوستېرلىتىس جېڭىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، ئورنى تۆۋەنلىتىلىپ كىيېۋ ۋە لاتۋىيە گوبىرناتورى بولغان. 1811 - 1812 - يىللىرى روسىيە ئارمىيىسىگە قوماندانلىق قىلىپ تۈركىيە ئارمىيىسىنى مەغلۇپ قىلىپ، تۈركىينى <بۇخارېست سۈلھ شەرتنامىسى> غا قول قويۇشقا مەجبور قىلغان. 1812 - يىل ناپولېئون روسىيىگە قارشى ئۇرۇش قىلغاندا، 8 - ئايدا روسىيە ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ بورودىنو ۋە تارودىننو جەڭلىرىگە قوماندانلىق قىلغان ھەمدە بېرىزېنا دەرياسى بويىدا فرانسىيە ئارمىيىسىنى ئېغىر تالاپەتكە ئۇچرىتىپ، ئۇرۇشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرگەن. 12 - ئايدا سىمولنىسىك گېرتسوگى ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. 1813 - يىلى روسىيە ئارمىيىسىنى باشلاپ ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ ناپولېئونغا قارشى ئۇرۇشىغا قاتناشقان. ئۇزاق ئۆتمەي كېسەل بىلەن ۋاپات بولغان.