Uyghur←Chinese主要词典
كۇرزون سىزىقى
دۇنيا تارىخى
寇松线
kòu sōng xiàn
كۇرزون سوۋېت روسىيىسى بىلەن پولشاغا تەشەببۇس قىلغان ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى. 1919 - يىل 12 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئانتانتا دۆلەتلىرىنڭ ئەڭ ئالىي كومىتېتى پارىژ سۈلھ يىغىنىدا قارار ماقۇللاپ، پولشا دۆلىتىنى يېڭىۋاشتىن قۇرۇشقا قوشۇلغان ھەمدە <سابىق چارروسىيە زېمىنى>دىن روسىيە بىلەن پولشا ئوتتۇرىسىدىكى ۋاقىتلىق چېگرا سىزىقى يەنى گرودنو، برىست، خىروبىشوۋ، پرمىشىللارنى بويلاپ كارپات تېغىغا بارىدىغان سىزىقنى سىزىپ چىققان. 1920 - يىل 7 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، سوۋېت روسىيىسىنىڭ قىزىل ئارمىيىسى پولشانىڭ مۇداخىلىچى ئارمىيىسىنى چىكىندۈرگەن چاغدا، ئەنگلىيەنىڭ تاشقى ئىشلار ۋەزىرى كۇرزون ئانتانتا دۆلەتلىرىگە ۋاكالىتەن سوۋېت روسىيىسىگە نوتا تاپشۇرۇپ، ئۇرۇش توختىتىشنى، ئۇرۇش توختىتىش سىزىقىنىڭ ئاساسەن پارىژ سۈلھ يىغىنىنىڭ قارارىدابەلگىلەنگەن ۋاقىتلىق چېگرا سىزىقى بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىغان، شۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۇرۇش توختىتىش سىزىقى <كۇرزون سىزىقى> دەپ ئاتالغان. ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە، قىرىم يىغىنى قارار ماقۇللاپ، پولشانىڭ شەرقىي قىسىم چېگرىسىنى كورزون سىزىقى بويىچە بېكىتىش، ئەمما بەزى رايونلاردا 5 - 8 كىلومېتىر سۈرۈپ، ئۇنى پولشاغا بېرىشنى بەلگىلىگەن. 1945 - يىل 8 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سوېت ئىتتىپاقى بىلەن پولشا ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرا شەرتنامىسىنى ئىمزالاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ چېگرىسىنى كۇرزون سىزىقى ئاساسىدا ئايرىشنى بېكىتكەن.