Uyghur主要词典
كۇرۇس
دۇنيا تارىخى
(تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 529 - 600) يەنى كۇرۇس Ⅱ (ئىمپېراتور).قەدىمكى پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ پادىشاھى (مىلادىدىن ئىلگىرى 529 - 558) ئاخمېنىدلار نەسەبىدىن كېلىپ چىققان. مىلادىدىن 550 يىل ئىلگىرى، قوشۇن تارتىپ مېدىيە پادىشاھلىقىنى يوقىتىپ ئاخمېنىدلار سۇلالىسىنى (پېرسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ باشلىنىشى) قۇرغان. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىللەردە ئستېلا قىلىش ۋە كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى يولغا قويغان، مىلادىدىن 546 يىل ئىلگىرى كىچىك ئاسىياغا تاجاۋۇز قىلىپ، لۇدىيىنى يوقاتقان ھەمدە پادىشاھ كىروئىنىڭ كۆپلىگەن مال - دۇنياسىنى تارتىۋالغان، يۇناننىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەر دۆلەتلىرىنى بويسۇندۇرغان.مىلادىدىن 538 يىل ئىلگىرى بابىلون شەھىرىنى ئىشغال قىلىپ، يېڭى بابىلون پادىشاھلىقىنى يوقاتقان؛ <بابىلون تۇتقۇنلىرى>نى قويۇۋېتىپ، ئۇلارنى پەلەستىنگە قايتۇرغان. ئۇنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە ئىران ئىگىزلىكىدىن باشلىنىپ، غەربتە كىچىك ئاسىياغىچە بولغان كەڭ رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. يەنە ئوتتۇرا ئاسىياغا يۈرۈش قىلىپ باكتىرىيە، سوغدى قاتارلىق جايلارنى قولغا كىرگۈزۈۋالغان، كۆچمەن چارۋىچى قەبىلە ماسساگېتلارغا قارشى ئۇرۇشتا ئۆلتۈرۈلگەن. پادىشاھلىق تەختكە ئۇنىڭ ئوغلى كامبېس ۋارىسلىق قىلغان.