Uyghur主要词典
كۇرس
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
بازاردا تاۋارلارنىڭ ئومۇمىي باھاسى؛ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا پۇلنىڭ قىممىتى، ئۆسۈمنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالى.
بازاردا مالنىڭ كۇرسى بىر خىل تۇرۇۋاتىدۇ. * پۇلنىڭ كۇرسى چۈشسە، پۇل پاخاللىشىدۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
مەلۇم بىر پەن ۋە سىستېما بويىچە قىسقا مۇددەتلىك ئېچىلغان ئوقۇش؛ ئۆگىنىش.
بوغالتىرلار كۇرسى. شوپۇرلار كۇرسى.
بىرەر پەن ياكى ئۇنىڭ بىر قىسمىنىڭ مەلۇم جەھەتتىكى سىستېمىلىق بايانى ۋە شۇنداق باياندىن ئىبارەت بولغان دەرسلىك.
مەكتەپلەردىكى ھەربىر ئوقۇش يىلى.
مەن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرىنچى كۇرسىنى تۈگەتتىم.
بىر پۈتۈن داۋالاش ۋاقتىنىڭ بۆلەكلەرگە بۆلۈنگەن قىسمى.
بىر داۋالاش كۇرسى 15 كۈن.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
روسچە؛لاتىنچە
قىممەت، باھا.
پۇلنىڭ كۇرسى چۈشمەك. مالنىڭ كۇرسى چۈشمەك.
كۆچمە. ئىززەت - ھۆرمەت، ئابرۇي.
شۇ ئىشتىن كېيىن ئۇ ئادەمنىڭ كۇرسى چۈشۈپ كەتتى.