Uyghur主要词典
كۇنۇسسىمان گۈل رېتى
بىئولوگىيە
مۇرەككەپ ئومۇمىي گۈل رېتى دەپ ئاتىلىدۇ. چەكسىز گۈل رېتىنىڭ بىرخىلى بولۇپ، گۈل ئوقى شاخلىنىدۇ، ھەرقايسى شېخى ئومۇمىي گۈل رېتىگە كىرىدۇ، ئاستىدىكى شاخلىرى ئۇزۇن، ئۈستىدىكى شاخلىرى قىسقا بولۇپ، پۈتۈن گۈل رېتى كونۇسسىمان بولىدۇ. مەسىلەن، شال، سۈپۈرگە قوناق، تاتلىقياڭيۇ، كاشتان دەرىخى، سۇلۇ، تۇخۇمەك دەرىخى، ئازادى دەرىخى، قەلەمپۇر، ناندىنا چاتقىلى قاتارلىقلارنىڭ گۈل رېتى.