Chinese→Uyghur主要词典
昆虫学
بىئولوگىيە
ئېنتومولوگىيە
ھاشاراتلارنىڭ مورفولوگىيىسى، بۆلۈنۈشى، فىزىئولوگىيىسى، ئېكولوگىيىسى، پاتولوگىيىسى، توكسىكولوگىيىسى، ئىرسىيىتى ۋە ئۆسۈپ كۆپىيىشى قاتارلىق ھاياتلىق ھەرىكەت قانۇنىيەتلىرىنىى ھەمدە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ۋە ئالدىنى ئېلىشنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. ھازىرقى زامان ئېنتومولوگىيىسى تەرەققىي قىلىپ كۆپ تارماقلىرى بولغان مۇستەقىل پەنگە ئايلاندى. ئۇنى تەقىق قىلىش دائىرىسىگە ئاساسەن ئىككى چوڭ تارماققا يەنى نەزەرىيىۋى ئېنتومولوگىيە (ياكى ئومۇمىي ئېنتومولوگىيە) بىلەن ئەمەلىي ئېنتومولوگىيە (ئىقتىسادىي ئېنتومولوگىيە) گە بۆلۈشكە بولىدۇ. ئالدىنقىسى ئېنتومولوگىيىدىكى ئاساسىىي نەزەرىيىلەرنى تەتقىق قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ؛ كېيىنكىسى ئىنسانلارغا مۇناسىۋەتلىك بولغان ھاشاراتلارنى تەتقىق قىلىدۇ. يەنى ھاشاراتلارنىڭ ئىنسانلارغا پايدىلىق تۈرلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرىدۇ ۋە پايدىلىنىدۇ، زىيانلىق تۈرلىرىنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە يوقىتىدۇ. تەتقىق قىلىش مەزمۇنىغا ئاساسەن بۆلگەندە، ئاساسلىقلىرى: ھاشاراتلار ئىنتومولوگىيىسى، ھاشاراتلار تاكسونومىيسى، ھاشاراتلار ئېكولوگىيىسى، ھاشاراتلار فىزىئولوگىيىسى، ھاشاراتلار بىئوخىمىيسى، ھاشاراتلار گېنېتىكىسى، ھاشاراتلار پاتولوگىيىسى، ھاشاراتلار توكسىكولوگىيىسى ھەمدە يېزا ئىگىلىك ئېنتومولوگىيىسى، زاپاس ساقلاش ئېنتومولوگىيىسى، ئورمان ئېنتولوگىيىسى، مېدىتسىنا ئىنتومولوگىيىسى، چارۋا مال ئېنتومولوگىيىسى ۋە بايىق مەنبەلىرى ئېنتومولوگىيىسى قاتارلىقلار.
باغۋەنچىلىك
kūn chóng xué
ھاشاراتلار ئىلمى، ئېنتومولوگىيەDدېھقانچىلىق
kūn chóng xué
ھاشارات ئىلمى، ئىنتىمولوگىيەDمائارىپ
kūn chóng xué
ئېنتومولوگىيە، ھاشاراتشۇناسلىقDئورمانچىلىق
kūn chóng xué
ھاشارەتشۇناسلىقDتېببىي
kūn chóng xué
ئېنتومولوگىيە، ھاشاراتشۇناسلىقDئۇنىۋېرسال
kūn chóng xué
ئېنتومولوگىيە