Chinese→Uyghur主要词典
库里亚大会
دۇنيا تارىخى
كۇرىيە يىغىنى
يەنى چوڭ ئۇرۇقداش ياكى پراتىرىيە كېڭەشمىسى. قەدىمكى رىمدىكى پۇقرالار يىغىنىنىڭ بىرى. بۇ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ -Ⅷ ئەسىرلەردىكى پادىشاھ ھاكىمىيىتى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن. ھەربىر كۇرىيە (يەنى چوڭ ئۇرۇق ياكى پىراتىرىيە) ئون ئۇرۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەينى زاماندا رىمدا جەمئىي 30 كورىيە بولغان. يىغىننى رېكس (<پادىشاھ>) چاقىرغان، ياش - قۇرامىغا يەتكەن ئەرلەر قاتناشقان، كۇرىيلىەر بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنۈپ مۇھاكىمە ئېلىپ بارغان. ئېھتىمال ھەربىر كۇرىيە يەنە ئۇرۇقلار بويىچە گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن بولسا كېرەك؛ بىراق قارارنى ماقۇللاشتا 30 كۇرىيىنىڭ ھەربىرى بىرلا ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان. يىغىن ئۇرۇش قىلىشنى بەلگىلەش، ئالىي دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنى (پادىشاھنى ئۆز ئىچىگە ئالغان) سايلاپ چىقىش، قانۇن، ئەمىر - پەرمانلارنى ماقۇللاش ياكى رەت قىلىش، چوڭ ئەنزىلەرنىڭ سوت قىلىشتىن ئىبارەت ھوقۇقلارغا ئىگە بولغان. ئۇرۇق قانداشلىق مۇناسىۋەتلىرى ھوقۇق يۈرگۈزۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى Ⅵ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرى سېرىتۇللې ئىسلاھاتى مەزگىلىدە، مال - مۈلۈك سالاھىيىتىنى بەلگە قىلغان. سىنتورىيە يىغىنى (يۈز كىشلىك ئۆمەك يىغىنى) تەسىس قىلىنىپ، كورىيە يىغىنىنىڭ ئورنىدا ئەمەلىي ھوقۇقىنى ئىگىلىگەن، كېينكىسى جۇمھۇرىيەت دەۋرىگە كەلگەندە پەقەت دىنىي جەھەتتىكى فۇنكىسىيىنىلا ساقلاپ قالغان.