Uyghur主要词典
كۇلاھ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
كۇلاھ، باش كىيىم؛ تاج:
تەرك ئېتىپ دۇنيانى، كەيدى جەندە، باشىغە كۇلاھ،
تا قەلەندەرنىڭ رەقىبن سەن نىگەھبان ئەيلەدىڭ.
قەلەندەر.
چىقىپ ئۇچقۇنلار ئۇرغان ئاھ بىلەن باشىمغە چىرماشقان،
گەدالىق شەھلىقىغە باشىمە زەررىن كۇلاھىمدۇر.
گۇمنام.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
پارىسچە
بۆك، دەرۋىشلەر تۇمىقى، قالپاق؛ ئۇزۇن ۋە ئۇچلۇق قىلىپ تىكىلگەن باش كىيىم، سەللە ئوراشقىمۇ بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
راھىب _ زاھىتلارنىڭ كىيىم _ كېچەكلىرى.
« كۇلاھ » باش كىيمى.
جەندە كەيسىلا راھىب بولمايدۇ. رەسە _ ماناخنىڭ بەلگىسى. جەببە كىيگەن جەبىر چەكسىمۇ؟ دەرۋىش كۇلاھ كىيسە، قولى ئۇزىرار.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىيگىز، مۇۋۇت ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ماتېرىيالدىن ياسىلىدىغان، سايىۋىنى بار باش كىيىمى.
قىرغىزغا تۇشلۇق قالپاق يوق. ماخىتخان قىز مالىخايغا چىچىپتۇ. شىلەپە يېقىندىن بۇيان بىزنىڭ شەھەرلەردە زىيالىيلار ئارىسىدا كۆپىيىپ قالدى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پارىسچە
دىۋانىلەر، دەرۋىشلەر كىيىدىغان ئۇچلۇق قالپاق.
ئۇزۇن چار ساقاللىق، ئۈستىگە جەندە، بېشىغا كۇلاھ كىيگەن دىۋانە بوۋاي كىرىپ كەلدى.