Chinese→Uyghur主要词典
库库特尼文化
دۇنيا تارىخى
كۇكۇتېنى مەدەنىيىتى
ياۋرۇپانىڭ شەرقىي رايونىدىكى يېڭى تاش قورال دەۋرىگە ئائىت بىرخىل مەدەنىيەت. دەسلەپتە رومىنىيىنىڭ ياسى شەھىرىنىڭ غەربىي قىسمىغا 60 كىلومېتىر كېلىدىغان كۇكۇتېنى كەنتىدىن تېپىلغانلىقى ئۈچۈن شۇنداق دەپ ئاتالغان. خارابە ئومۇمەن ئېگىزلىككە جايلاشقان بولۇپ، ئەتراپىنى بىر ياكى ئىككى خەندەك ئوراپ تۇرغان، ئۆيلىرى يۇمىلاق ياكى قاتار شەكىلدە، پۇختا، رەتلىك ياسالغان. كۇكۇتېنى خارابىسىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئىككى قاتلىمىدا مەدەنىيەت بولۇپ، تۆۋەن قاتلىمى يېڭى تاش قورال دەۋرى مەدەنىيىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ يەردىن كۆپلىگەن تاش قوراللار قېزىۋېلىنغاندىن باشقا يەنە مىس قوراللارنىمۇ ئۇچراتقىلى بولىدۇ. تىپىك سايمانلاردىن گۈللۈك ساپال قاچا بولۇپ، قوڭۇر، قىزىل، قارا قاتارلىق رەڭلىك سىزىقچىلىرى بار، بۇرمىسىمان ۋە ئەگرى سىزىقچىلار كۆپرەك بولۇپ بەكمۇ رەڭدار. باسما سىزىق، ئويما سىزىق بىلەن زىننەتلەنگەنلىرىمۇ بار. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئاياللارنىڭ ساپال ھەيكىلى ۋە سۆڭەكتىن ياسىغان ھەرخىل بۇيۇملار بار. كۇكۇتېنى مەدەنىيىتى ترىپولى مەدەنىيىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.