Uyghur主要词典
كۇفۇ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
تەڭ، باراۋەر، ئوخشاش:
جۇرمى ئىسيان چاھىدىن چىقماق، نەۋايى ئىلتىماس،
سەندىن ئەيلەر، نەچەكىم يوقتۇر ساڭا كۇفۋەن ئەھەد.
نەۋايى.
دۇنيا تارىخى
قەدىمكى گرېكلار چېئوپىس دەپ ئاتىغان. قەدىمكى مىسىرنىڭ تۆتىنچى سۇلالىسىنىڭ فىرئەۋىنى (تەخمىنەن مىلادىدىن ئىلگىرى 2566 - 2589) تەختتىكى مەزگىلدە نۇبىيە ۋە سىناي يېرىم ئارىلىغا جازا يۈرۈشى قىلىپ، ئۇ يەردىن ئالتۇن، مىس كان مەھسۇلاتلىرى ۋە قۇللارنى بۇلاپ - تالىغان. بۇيرۇق چۈشۈرۈپ ئەڭ چوڭ ئەلئېھرام ياساتقان، ئۇنىڭ ئېگىزلىكى 146.5 مىتىر (ھازىر 9 مىتى ئولتۇرۇشۇپ كەتكەن) ئاستىنىڭ ھەر تەرىپىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 230 مېتىر، ئىگىلىگەن ئومۇمىي يەر كۆلىمى 52900 كۋادرات مېتىر بولۇپ، تا ھازىرغىچە قاھىرەنىڭ يېنىدىكى گىزا دېگەن جايدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقتا. قەدىمكى يۇنان تارىخچىسى ھېرودوتنىڭ خاتىرىلىشىچە، كۇفۇنىڭ ياساتقان ئەلئېھرامغا 30 يىل ۋاقىت كەتكەن ھەمدە ھەددى ھېسابسىز چىقىم سەرپ قىلىنغان بولۇپ، دۆلەت خەزىنىسى قۇرۇقدىلىنپ، خەلقنىڭ قاتتىق نارازىلىقى قوزغالغان.