Uyghur主要词典
كۈشكۈرتمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىرەر يامان ئىش - ھەرىكەت قىلىشقا دالالەت قىلماق.
ئىت ئىگىسى كۈشكۈرتسە، قاۋايدۇ، چىشلەيدۇ، بەزىلىرى كۈشكۈرتمىسىمۇ قاۋايدۇ، چىشلەيدۇ. قۇتراتقانغا قۇترىما، قۇتراپ قويۇپ دەردىنى تارتما. ئۇ ئۇرۇشۇپ قالغان قېرىنداشلىرىنى ئاجرىتىپ قويماق تۈگۈل، دەيدەيگە سالىدۇ. ئۇ قۇشلىسا، ھەممىنى ئالىدىغان مەخلۇق، «مەدەنىيەت ئىنقىلابى» دا قۇشلاپ قويسا، جىق كىشىگە ئۇۋال قىلدى. ئول ئاڭار ئىت تۈتۈردى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
پىئېل
مەلۇم بىر ئىشنى قىلىشقا ئۈندىمەك، دەۋەت قىلماق؛ قۇتراتماق.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۇرۇشقاق چوڭلارنىڭ كۈشكۈرتۈشى بىلەن شۇ كېچىدىكى جېدەلنىڭ سەۋەبكارى بولۇپ قالدى.