Uyghur主要词典
كۈرسدى
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
توشتى، تاشتى.
يىگىت قانڭا كۈرسدى _ يىگىت قانغا تولدى، سەمرىدى، قۇرامىغا يەتتى. بۇ سۆزنىڭ ئەسلى ھەرقانداق بىر قاچىغا بىر نەرسە تولدۇرۇلۇپ بىرەر سائەت ئۆتۈشى بىلەن قاچىغا سىغماي تېشىپ كېتىش دېگەن مەنىدىدۇر. مەسىلەن: خېمىر ئېچىتقۇسى ياخشى بولسا قاچىغا سېلىنىپ بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، كۆپجۈپ قاچىدىن تېشىپ كېتىدۇ ( كۈرسەر _ كۈرسەمەك). بۇ پېئىل «تەكەببۇر، ھاكاۋۇر ئادەم» دېگەن مەنىدىكى ئىسىمغا « سادى ياكى سەدى» قوشۇمچىسى قوشۇلۇپ ياسالغان.
3 - 572