Uyghur主要词典
كۈرەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
توپا، قۇم، ئاشلىققا ئوخشاش نەرسىلەرنى قېزىش، كۈرەشكە ئىشلىتىلىدىغان سايمان. ياغاچ ياكى تۆمۈردىن سوزۇنچاق ياسىلىپ، ساپ بېكىتىلىدۇ.
ئۆزى بۆرەكتەك، ساقىلى كۈرەكتەك. تۆمۈردىن كەتمەنمۇ ياسىلىدۇ، گۈرجەكمۇ ياسىلىدۇ.
شىۋىلەر
قۇمۇل شىۋىسى
ياخشى پىشقان، چىرايلىق، كېلىشكەن، قاملاشقان: ئەجەپ كۈرەك قوغۇن ئىكە؛ كۈرەك ساڭزا - ئوخشىغان ساڭزا.
شىۋىلەر
قەشقەر شىۋىسى
(ئادەمنىڭ دولا سۆڭىكى. مەسىلەن: نېپىز پەشمەتتىن ئۇزۇن قەددىنىڭ ئىككى كۈرىكى داردىيىپ چىقىپ تۇراتتى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بۇغداي سورۇش ۋە قار تازىلاش قاتارلىقلارغا ئىشلىتىلىدىغان ئۇزۇن ساپلىق ياغاچ گۈرجەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
تۆت ياشلىق ۋە ئۇنىڭدىن ئاشقان تۆگىلەرنىڭ ئېزىق چىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
كۈزدە تۇغۇلغان قوزا.