Uyghur主要词典
كۈرە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ھويلا، قورۇ.
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئېغىرلىق ئۆلچىمى. ئۆلچەش سايمىنى
بىر كۆرە بۇغداي تۆت شىڭ كېلىدۇ. * كۈرەڭلەرنى بېرىپ تۇرۇڭلار ، بۇغدار ئۆلچىۋالايلى.
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
كۈرىمەك، كۈرەش. مەخسۇس سايمان بىلەن قار، ئەخلەت .....لەرنى يىغىماق، دۆۋىلىمەك، چىقىرىۋەتمەك.
قارنى ۋاقتىدا كۈرە. قار كۈرەش _ كۆڭۈللۈك ئىش.
كلاسسىك ئەدەبىيات سۆزلۈكلىرى
ئەرەبچە
يۇمىلاق، تۆرۈك، دۆگىلەك: يەر كۈرىسى - يەر شارى. كۈرەئى ئەرز - يەر، يەر شارى؛ كۇرەۋى - يۇمىلاق، دۈگىلەك.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئاشلىق ئۆلچەيدىغان سايمان. بىر كۈرە ئون جىڭغا تەڭ؛ چارەك جايلارغا قاراپ پەرقلىق بولىدۇ؛ بەزى يەرلەردە بۇغداينىڭ چارىكى بىلەن گۈرۈچنىڭ چارىكىنىڭ مىقدارى ئوخشاش ئەمەس.
تۆت كۈرە بۇغداي ئالدىم. ئۇچتۇرپاندا ئون چارەك گۈرۈچ بىر تاغار بولىدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ئۆي - جاينىڭ ئەتراپى قورۇقلانغان مەيدانى.
<ھالۇ> خوتەن دىئالېكتىدا قوللىنىلىدۇ.
ھۇرۇنغا ھويلىدىكى سۇ يىراق. ھويلامنىڭ تېمى يوق، دەرۋازىسى قۇلۇپلاقلىق. تالاغا ھەيدىسەڭ قورۇغا قاچىدۇ. <سەيناغا كىرىلى>، - دېدى كۇچالىق دوستۇم. چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئوت كۈرەسى ياسالدى.
شىۋىلەر
تۇرپان شىۋىسى
ھويلا، قورا.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئى. ئاشلىق ئۆلچەيدىغان ئەسۋاب. ياغاچ ياكى قومۇشتىن سۈكەن شەكلىدە ياسىلىدۇ.
مىق. ئون شىڭغا تەڭ ھەجىم ئۆلچەش بىرلىكى.
بەش كۈرە ئاشلىق. 100 كۈرە بۇغداي.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ھويلا، قورۇ.
قورغاس ۋە دۆربىلجىن ناھىيىلىرىدىكى بىر يېزىنىڭ نامى.