Uyghur←Chinese主要词典
كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇقۇم
پسىخولوگىيە
日常概念
rì cháng gài niàn
بۇ پەن ئالدى ئۇقۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ. كىشلەرنىڭ باشقىلار بىلەن ئېلىپ بارغان كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئالاقىلىرى ۋە توپلىغان تەجرىبىلىرىدە ( شەكىللەنگەن ) ئۇقۇملىرىدىن ئىبارەت. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇقۇملار تار بىلىم دائىرىسى بىلەن چەكلەنگەنلىكتىن، دائىم خاتالىق، بۇرمىلانغانلىق ئەھۋاللىرى كۆرىلىدۇ. ئۇقۇم مېغىزىدا ( خاس مەزمۇنىدا ) ماھىيەتسىز نەرسىلەر بولىدۇ. ماھىيەتلىك نەرسىلەرگە سەل قارالغان بولىدۇ. ئوقۇتۇش ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇقۇم ئىلمىي ئۇقۇم سەۋىيىسىگە كۆتىرىلىدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇقۇم ئادەتتىكى ئۇقۇم، كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئۇقۇم دەپمۇ ئاتىلىدۇ.