Uyghur主要词典
كۈندەشلىك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقىلارنىڭ ئۈستۈنلۈكى، مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى كۆرەلمەسلىك تۇيغۇسى.
<كۈنلەش> كۆپرەك ئەر - خوتۇن ئارىسىدا بىر - بىرىنى باشقىلاردىن قىزغىنىشنى كۆرسىتىدۇ.
ھەسەت - بىسەرەمجانلىقنىڭ ئۇرۇقى. ھەسەت - نام - ئاتاقنىڭ ھەمراھى. كۈنلەش ئىچى تارنىڭ ئىشى. يارنى قىزغىنىش، يوققا ئىنتىلىش بىرگەپ. كۈنلەشلىكنىڭ دەردى يامان، ئۇ كىشىنى ھەممىدىن جۇدا قىلىدۇ. سۆيگۈگە رەشىك مەھراھ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ھەسەتخورنىڭ روھىي ھالىتى.
<كۈندەشلىك> كۆپرەك ئەر - خوتۇن ئارىسىدا بولىدۇ.
ھەسەتخورلۇق - رەزىللىكنىڭ بېشى. كۈندەشلىك - جېدەلنىڭ ئۇرۇقىنى چاچىدۇ. قىزغانچۇقلۇق قەلىبنى قۇرۇتىدۇ. بارنى كۆرسە كۆرەلمەيدۇ، يوقنى كۆرسە بېرەلمەيدۇ.