Uyghur主要词典
كۈندىباھار
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
كۈندە + باھار
ئىسىم
خەنزۇ تېبابىتىدىكى دورا نامى. <ياۋا ئېللېكىس> دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ئېللېكس ئائىلىسىدىكى ئۆسۈملۈك - ئېللېكىسنىڭ يوپۇرمىقى. ئۇنىڭ تەبىئىتى سوغۇق، تەمى قېرىق. رولى: ئىسسىقلىقنى ياندۇرۇپ، زەھەرنى قايتۇرىدۇ، قاننى سۇۋۇتىدۇ ۋە توختىتىدۇ. ئاساسلىقى قىزىتمىدىن يۆتىلىش، يۇتقۇنچاق - كاناي ئاغرىش، سۈيدۈك ئاغرىتىپ كېلىش، تولغاق، قوڭىيوغان ۋە ھەرخىل كۆيۈك جاراھەتلەرنى داۋالاشتا ئىشلىتىلىدۇ. ھازىر بۆرەك قامى ياللۇغى، سۈيدۈك يولى ياللۇغى، ئۆپكە ياللۇغى قاتارلىق ياللۇغلىنىشلارنى داۋالاشتىمۇ ئىشلىتىلمەكتە. يوپۇرماق تەنچىسىدە مىكروب تورمۇزلايدىغان پروكاتېخىن بار.