Uyghur←Chinese主要词典
كۈمۈش قەسىر
دۇنيا تارىخى
银阁
yín gé
ياپونىيەنىڭ مۇروماچى دەۋرىدىكى مۇقىم قۇرۇلۇشلارنىڭ بىرى. ھازىرقى كيۇتو شەھىرى سىجاۋشى ئىبادەتخانىسىنىڭ ئىچىدە. سەككىزىنچى ئەۋلاد سىياگۇن ئاشىكا گويوشىماسا (1436 - 1490) 1465 - يىلى تويامانىڭ قورۇ - جايىنى قولغا كەلتۈرۈپ، قورۇق بىنا قىلىشقا كىرىشكەن، ئەمما يېڭرېن توپىلىڭى تۈپەيلىدىن ئىش توختاپ قالغان. 1482 - يىلى يەنە خانىقاسىنىڭ يېنىدىكى تاغدا قورۇق بىنا قىلغان. كۈمۈش قەسىر 1489 - يىلى سېلىنغان، ئۇنىڭ بىرىنچى قەۋىتى قوشما شەكىللىك كۇتۇپخانا قۇرۇلۇشىدىن ئىبارە، ئىككىنچى قەۋىتى تاڭ سۇلالىسى ئۇسلۇبىدىكى بۇددا قەسىرى بولۇپ، ئاۋالوكتېسۋارا قەسىرى دەپ ئاتالغان. ئەسلىدە تامغا كۈمۈش ياپراقچىلارنى چاپلىماقچى بولۇپ، كۈمۈش قەسىر دەپ ئاتىغان بولسىمۇ، كېيىن پەقەت سىرلاپلا قويۇلغان. رەڭگى ئازادە، سىپايە ۋە كۆركەم بولۇپ، ھويلا مەنزىرىسىگە ناھايىتى ماسلاشقان، بايلارنىڭ بىكارچىلىقتىن پەيدا بولغان ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئارامگاھىدۇر.