Uyghur主要词典
كۈل
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم .
نەرسىنىڭ كۆيۈشىدىن قالىدىغان قارامتۇل مىنېرال كۈكۈم.
ئوچاقنىڭ كۈلىنى ئالماق. * كۈلدان. * كۈلدە كۆمەچ بولماق. * كۆيدۈرۈپ كۈلىنى كۆككە سورىماق. * ئۆيۈڭنى گۈل قىلغانمۇ خۇتۇن، كۈل قىلغانمۇ خوتۇن (ماقال).
ئاھاڭداش سۆزلەر
پېئىل
كۈلمەك، كۈلۈش. خۇشاللىقتىن چىرايى ئېچىلىپ كەتمەق، قاقاھلىغان ئاۋاز چىقارماق، تەبەسسۇم قىلىماق، خاندان ئۇرماق. ئانتونىمى: يىغلا.
كۈلگەك. * كۈلگۈنچەك. * تولا كۈلۈپ ئۈچىيىم ئۈزۈلگۈدەك بولدى. * كۆپ كۈلگەن يىغىلايدۇ (ماقال) . چۆجىنى سويغىلى ئېلىپ ماڭساڭ قاقاھلاپ كۈلەر (ماقال) .
«كۈل»دىن بىر تەجىنىس:
دىيار ئۈچۈن ئىشلەپ، بولغىن كۈكۈم - تالقان - كۈل،
بۇندىن ئارتۇق بەخىت بولماس، قاقاھلاپ سەن كۈل.
_ ئەركىن ئەبەيدۇللا.
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كۈل، ئوتىنىڭ كۆيگەندىن كېيىنكى قالدۇرقى:
كۆزۈڭ شەۋقى سالىپ ئالەمگە ئوتلار ئانچەكىم كۆيگەچ،
جەھاننى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلغۇسىدۇر سۆزى ئەفغانىم.
نەۋايى.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۆككە مايىل ئاق تۈس.
ئاتنىڭ ياخشىسى بوز بولىدۇ، ئەرنىڭ ياخشىسى تاز. سۇر ئاتنىڭ رەڭگى ئۆڭمەس، ئالتۇننىڭ سىنى كەتمەس. كۈل رەڭ پاختەك تۈكى رەڭگىگە ئوخشايدۇ.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈل.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كۈل ئۈرگۈنچە كۆز ئۈرسە يېگ _ كۈل پۈۋلىگۈچە، چوغ پۈۋلىگەن تۈزۈك. بۇ ماقال كىشىلەرنى كىچىك ئىشنى تاشلاپ، چوڭ ئىشقاتۇتۇش قىلىشقا ئۈندەپ ئېيتىلىدۇ.
1 - 439
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
خاس ئىسىم، كۈل
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
بىرەر نەرسىنىڭ كۆيۈشىدىن ھاسىل بولغان ئاقۇچ قارا ياكى كۆكۈچ چاڭسىمان مىنېرال قالدۇق.