Uyghur主要词典
كۈيجاڭ راۋىقى
دۇنيا تارىخى
چاۋشيەن لى سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئوردا كۇتۇپخانىسى. لى سۇەن (جىڭزو) تەسىس قىلغان. لى سۇەن تەختكە چىققان دەسلەپكى مەزگىلدە چاڭدى ئوردىىسنىڭ شىمالىي گۈلزارلىقىدا كۈيجاڭ راۋىقىنى ياسىتىپ، تارىختا ئۆتكەن پادىشاھلار تۈزگەن ۋە يازغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا كۆچۈرگەن. ئىككى نەپەر مائارىپ ئەمەلدارى، ئىككى نەپەر مۇئاۋىن مائارىپ ئەمەلدارى، بىر نەپەر كۇتۇپخانا ئەمەلدارى، بىر نەپەر مۇنشى ۋە يەنە تۆت نەپەر تەكشۈرگۈچى ئەمەلدار تەسىس قىلىپ، ئۇنى باشقۇرغان. 1857 - يىلى جىڭفۇ ئوردىسىنى قايتا قۇرغاندىن كېيىن كۈيجاڭ راۋىقىنى ئۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزگەن. 1894 - يىلى ئوردا ئىچىدىكى مەھكىمىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولۇپ، مەدەنىيەت، سەنئەتنى باشقۇرىدىغان مەركىزى ئورگان بولۇپ قالغان. كۆپلىگەن كىتاب - ماتېرىياللارنى تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرغان. جۇڭگونىڭ <تۆت يۈرۈش كىتابلار>غا تەقلىد قىلىپ، قەدىمكى كىتابلارنى كەڭ تۈردە توپلاپ باستۇرغان ھەمدە جياڭخۇا ئارىلىدا ساقلانغان قەدىمكى كىتابلارنى كۈيجاڭ راۋىقىنىڭ سىرتىدىكى كىتابلار قاتارىدا باشقۇرغان. راۋاقتا ساقلانغان كىتابلار 130 مىڭ پارچىدىن ئارتۇق بولۇپ، چاۋشيەننى تەتقىق قىلىشتىكى ماتېرىيال خەزىنىسى ھېسابلىنىدۇ. ياپونىيە چاۋشيەننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، باش ۋالىي مەھكىمىسى ئىگىلىۋالغان، كېيىن خەنچىڭ داشۆسىگە قاراشلىق كۇتۇپخانا قىلىنغان.