Uyghur主要词典
كۈيە
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
ئوچاقتا، قازان تېگىدە ھاسىل بولىدىغان ئىس - تۈتۈن قالدۇقى، قۇرۇم.
يۈزىگە كۈيە سۈرتۈپ سازايى قىلماق. * يامانغا يولۇقساڭ يالىسى، قازانغا يولۇقساڭ كۈيىسى (ماقال) .
ئاھاڭداش سۆزلەر
ئىسىم.
يۇڭدا توقۇلغان، يۇڭلۇق نەسىلەرنى قىرىقىپ يەيدىغان ئۇششاق قۇرت.
كۈيە چۈشمەك. * كۈيە يېمەس. * گىلەمگە كۈيە چۈشۈپتۇ. * كۈيە دورىسى چاچماق. * تۆمۈرنى كۈيە يېمەس (ماقال) . * نادان كۈيىدىنمۇ يامان (ماقال) .
مەنىداش سۆزلۈكلەر
ماددا كۆيگەندە تولۇق كۆيمەي قېپقالغان قىسىمىدىن ھاسىل بولغان ئۇششاق دانچىلەر.
قۇرۇمنىڭ دەردىنى مورا بىلەر. قازاننىڭ كۈيىسى يۇقار، ياماننىڭ يالىسى. كۆڭۈل ئوتى يانمىسا، ھەممىنى دۇت قاپلايدۇ.
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كىيىم - كېچەك، رەختكە، گۈرۈچ قاتارلىق ئاشلىققا ئىسسىقتىن چۈشىدىغان ئۇششاق قۇرت.
نادان ئادەم كۈيىدىنمۇ يامان. كۈيە كىيىمنى، مىتە ئاشلىقنى كاردىن چىقىرار.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈيە.
كىگىز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش نەرسىلەرنى يەيدىغان كۈيە.
3 - 233
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
زوئولوگىيە
بىر خىل ھاشارات. تېنى كىچىك، سارغۇچ قوڭۇر، قاناتلىرىنىڭ جىيەكلىرىدە. بېشىداقېلىن ئۆسكەن قوڭۇر سېرىق تۈكچىلىرى بار. لىچىنكىسى ئاق رەڭلىك، يۇڭدىن توقۇلغان بۇيۇملارنى يەيدۇ.
كۈيە چۈشمەك. كۈيە يېمەك.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئوت قالىغاندا ئىسنىڭ بىر يەرگە يىغىلىپ چىقىشىدىن ھاسىل بولغان قارا رەڭلىك يۇمشاق ماددا؛ قۇرۇم.