Uyghur主要词典
كۈچۈكلەنمەك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
بىراۋغا بىرەر تەمە بىلەن ھۈرمەت قىلماق، ئۇنى ئورۇنسىز ماختانماق، ئۇنىڭغا يېلىنماق.
خۇشامەت قىلغانغا قورساق تويماس. خۇشامەت قىلالىغان ئادەم تۆھمەتمۇ قىلالايدۇ. كۈچۈكلەنگەن دوست ئەمەس. ھەي ئىنسان، قۇيرۇق شىپاڭلىتىش ئىتنىڭ ئىشى.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئەركىلىمەك (ئىت ھەققىدە).
يوغان قارا ئىت ئەركىننى كۆرۈپلا قۇيرۇقلىرىنى شىپپاڭشىتىپ كۈچۈكلەندى.
كۆچمە. خۇشامەت قىلماق.
خەققە نېمانچە كۈچۈكلىنىپ كېتىسەن ئەخمەق! ئۇنىڭ بۇ يەرگە ئەتەي كېلىشى بىكار ئەمەس.