Uyghur主要词典
كۈچلۈك
مەنىداش سۆزلۈكلەر
كۈچ - قۇۋۋەت تولۇق، قۇدرىتى بار.
ئىت ئىگىسى بىلەن كۈچلۈك. كۈچلۈك بىلەن تارتىشما، ئەقىللىق بىلەن ئېيتىشما. كۈچلۈكنىڭ ھەممىسىلا باتۇر بولماس. ئىتتىپاق بولغان قۇۋۋەتلىك بولار. قۇدرەتلىك كىشى گۇناھلىق بولماس. زامان زورنىڭ، تاماشا كورنىڭ.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
كۈچ - قۇۋۋەت تولۇپ تۇرغان، كۈچ - قۇدرىتى تولۇق.
كۈچسىز، قۇۋۋەتسىز، مادارسىز، ماغدۇرسىز
كۈچ - قۇۋۋەت كەتكەن، كۈچ - مادارىدىن ئايرىلغان.
كۈچلۈكلەرنىڭ ئالدىدا توشقان بىلەن بىردەكسىز، كۈچسىزلەرنىڭ ئالدىدا توشقان ئەمەس، پىلدەكسىز. بالا - پادىشاھتىنمۇ قۇدرەتلىك. ئىناق بولغانلار قۇدرەتلىك بولار. ماغدۇرسىز تېكىنىڭ قارىغايدەك مۈڭگۈزى بار. مادارسىغا مادارسىز كۈن بەرمەپتۇ، ماغدۇرلۇق ھارغىچە مادۇرسىز جان ئۈزۈپتۇ.
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
سۈپەت
جىسمانىي كۈچ - قۇۋۋىتى باشقىلارغا نىسبەتەن ئارتۇق؛ كۈچى كۆپ، زور.
كۈچلۈك ئادەم. پىل كۈچلۈك ھايۋان.
ئىقتىسادىي، ھەربىي ۋە باشقا جەھەتلەردە ئۈستۈن قۇدرەتلىك.
كۈچلۈك دۆلەت. كۈچلۈك ئارمىيە.
تەسىر قىلىش كۈچى يۇقىرى، تېز تەسىر قىلىدىغان، ئوزۇقلۇق ئۈنۈمى يۇقىرى.
كۈچلۈك تاماق، كۈچلۈك دورا.
چىقىش، پەيدا بولۇش دەرىجىسى يۇقىرى، قاتتىق، شىددەتلىك.
كۈچلۈك شامال. كۈچلۈك بوران. كۈچلۈك دولقۇن. كۈچلۈك ئاۋاز.
تەركىبىدە ئوغۇت مىقدارى كۆپ، كۆپ ھوسۇل بېرىدىغان، ھوسۇللۇق.
كۈچلۈك يەر.
مۇستەھكەم، قاتتىق.
مەھبۇسلار كۈچلۈك نازارەت ئاستىغا ئېلىنغانىدى.
قويۇق، چوڭقۇر.
ۋەتەنگە بولغان مۇھەببىتى كۈچلۈك.
لۇتپۇللا مۇتەللىپ ئەسەرلىرى كۈچلۈك دەۋر روھىغا ئىگە.
ئۇرغۇپ تۇرىدىغان.
كۈچلۈك ئىلھام.
ئۇ شېئىرلىرىدا كۈچلۈك ھېسسىياتى بىلەن ۋەتەننىڭ تاغ - دەريالىرىنى مەدھىيىلىگەن.
نۇرغۇن، كۆپ؛ زور، قاتتىق.
ھەممە نەرسە كۈچلۈك غەزەپكە كەلگەندەك كۆرۈنمەكتە ئىدى.
كەڭ كۆلەملىك، داغدۇغىلىق.
ۋىلايەت بويىچە كۆكەرتىش توغرىسىدا تۈرلۈك شەكىللەردە كۈچلۈك تەشۋىقات ئېلىپ بېرىلدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۈچكە تولغان، قۇدرەتلىك، قۇۋۋەتلىك قەدىمكى ئۇيغۇرلار قوللانغان ئىسىم.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
(ئۇيغۇرچە)
كۈچكە تولغان، قۇدرەتلىك، قۇۋۋەتلىك كىشى. باشقا شەكىللىرى: كۈچلۈكباي، كۈچلۈكبەگ.