Uyghur主要词典
كۈچ
چاغاتاي دەۋرى ئۇيغۇر سۆزلۈكلىرى
كۈچ، قۇۋۋەت؛ زوراۋانلىق، غالىبلىق.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈچ، قۇۋۋەت.
3 - 166
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
زۇلۇم، زورلۇق.
ماقالدا مۇنداق كەلگەن: كۈچ ئېلدىن كىرسە تۆرۈ تۈڭلۈكتىن چىقار _ زورلۇق - زومبۇلۇق ئىشىكتىن كىرسە، ئىنساپ ۋە قائىدە - يوسۇن تۈڭلۈكتىن چىقار. زالىمنى « كۈچەمچى»، كۈچلۈك ئادەمنى « كۈچلۈگ» دېيىش شۇنىڭدىن ئېلىنغان.
3 - 166
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كۈنجۈت.
كۈنجۈت يېغى« كۈچ ياغى» دېيىلىدۇ. ئىنەك پىتىنىڭ ئۇرۇقىمۇ چوڭ بولغانلىقى ئۈچۈن « ئىڭەك كۈچى» دېيىلىدۇ.
چىگىلچە.
3 - 167
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
ئادەم ۋە ھايۋانلار ئۆز مۇسكۇللىرىنى ئىشلىتىپ ھاسىل قىلغان جىسمانىي ئېنېرگىيە، قۇۋۋەت.
كۈچتىن قالماق. بىلىكىنىڭ كۈچى يوق.
مېھنەت قىلىش، يارىتىش، بارلىققا كەلتۈرۈش قابىلىيىتى، ئەمگەك.
ئادەم كۈچى. ماددىي كۈچ. كۈچىنى ساتماق.
مەنىۋى، ئەقلىي ۋە روھىي قۇۋۋەت.
ئەقلىي كۈچ.
ئاجايىپ كۈچ سەرپ قىلغاندىلا، ئاندىن ئاجايىپ ئەسەر بارلىققا كېلىدۇ.
<فىز> جىسىمنىڭ ھەرىكەت ھالىتىنى ئۆزگەرتىدىغان تەسىر (ئۇنىڭ چوڭ - كىچىكلىك، يۆنىلىش ۋە تەسىر نۇقتىسىدىن ئىبارەت ئۈچ ئامىلى بولىدۇ).
مەركەزدىن قاچما كۈچ. تارتىش كۈچى.
ئېنېرگىيە، قۇۋۋەت.
شامال كۈچى. توك كۈچى. سۇ كۈچى.
تەسىر قىلىش دەرىجىسى؛ رول، ئۈنۈم، تەسىر.
دورىنىڭ كۈچى. پۇلنىڭ كۈچى.
بىرەر ئىشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇۋېلىش ئىمكانىيىتى، شەرت - شارائىت، قۇدرەت، قۇرب.
ئۇنىڭ ئۆي سېتىۋېلىشقا كۈچى يېتەتتى.
بىرەر ساھەدە، ئومۇمەن ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرەر تارمىقىدا ئىشلىگۈچى كىشىلەر.
ئەمگەك كۈچى. ئىلغار كۈچ. يوشۇرۇن كۈچ.
ھەربىي قوشۇلمىلار؛ قوشۇن.
قوراللىق كۈچ.
جەمئىيەتنىڭ بىرەر بەلگە، خۇسۇسىيەت، دۇنيا قاراش ۋە شۇ قاتارلىقلار بىلەن پەرقلەنگۈچى قىسمى.
ئىنقىلابىي كۈچ.
قارار، قانۇن ۋە شۇ قاتارلىقلارنىڭ قوللىنىش ئۈنۈمى، ئىجراسى.
قانۇن كۈچكە ئىگە بولدى.
ھۆكۈم كۈچىدىن قالدى.
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
ئەرلەرگە خاس ئىسىم
كۈچ، قۇدرەت.