Chinese→Uyghur主要词典
枯草杆菌
بىئولوگىيە
قۇرۇق ئوت تاياقچە باكتېرىيىسى
بىخ سپورا ھاسىل قىلىدىغان گرام مۇسپىي خۇسۇسىيەتلىك بىر خىل تاياقچە باكتېرىيە. ھۈجەيرىسى 0.7 ~ 0.8 × 2 ~ 2 مىكرومېتر كېلىدۇ، ئىككى ئۇچى يۇمىلاق بولىدۇ، ئەتراپتا ئۆسكەن ياكى بىر ياندا ئۆسكەن قىل ئاياغلىرى بولىدۇ. يالغۇز ياكى زەنجىرسىمان بولۇپ تىزىلىدۇ. بىخ سپورىسى ئېللىپىس شەكىللىك بولۇپ، 0.6 ~ 0.8 × 1.5 ~ 1.8 مىكرو مېتر كېلىدۇ، باكتېرىيە تېنىنىڭ مەركىزىگە يېقىنراق ياكى مەركىزىگە جايلىشىدۇ، بىخ سپورا خالتىسى ئالاھىدە كۆپمەيدۇ. ئوكسىگېنلىق شارائىتتىكى ئۆسۈشى ياخشى، ئوكسىگېنسىز شارائىتتىكى ئۆسۈشى ناچار بولىدۇ ياكى ئۆسمەيدۇ، ئادەتتىكى ئۆستۈرگۈچتە ھاسىل قىلغان باكتېرىيە توپى تەرتىپسىز، يۈزى يىرىك بولىدۇ، بەزىدە پۈرۈلگەن ياكى كېڭەيگەن، تۇتۇق، كۈل رەڭ ياكى قوڭۇر رەڭلىك بولىدۇ. بۇ تۇپراقتىكى چىرىتىپ ياشايدىغان باكتېرىيە بولۇپ، ئوغۇتلۇق تۇپراق ۋە چىرىندى ئوغۇت قاتارلىق مۇھىتلاردىمۇ بولىدۇ. ئۇنىڭ بەزى سورتلىرى ئامىلازا پروتېئىنازا قاتارلىق ئېنىزملارنىڭ ياسالمىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ، بەزىلىرى تاياقچە باكتېرىيە پېپتىدىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئادەتتە كېسەللىك پەيدا قىلمايدۇ، بىراق بەزىدە ئوزۇقلۇقتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ (بولۇپمۇ ئۇنىڭ بىخ سپورىسى) تەبىئەتتىكى ھەر خىل مۇھىتقا، كەڭ تارقالغان بولغاچقا مىكرو بىئولوگىيە تەجرىبە خىزمىتىدە دائىم ئۇچرايدىغان بۇلغىغۇچى باكتېرىيە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
باغۋەنچىلىك
kū cǎo gǎn jūn
قۇرۇق چۆپ تاياقچە باكتېرىيەDتېببىي
kū cǎo gǎn jūn
قۇرۇق چۆپ تاياقچە باكتېرىيىسى، يەم - خەشەك باكتېرىيىسىDئۇنىۋېرسال
kū cǎo gǎn jūn
سۇبتىلىس باتسىللاسى، سۇبتىلىس تاياقچە باكتېرىيىسى