Uyghur主要词典
كىتسۇ توشنارى
دۇنيا تارىخى
(؟ - 842) ياپونىيە پىڭئەننىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ئەمەلدار، خەتتات. سول قول ۋەزىر كىتسو موروي (468 - 757) نىڭ چەۋرىسى. مىلادى 804 - يىلى (يەنى 23، تاڭ سۇلالىسى جېڭيۇەن 20 - يىلى) ئوقۇش ئۈچۈن راھىب زۇدېڭ، كۇڭخەي قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە تاڭ سۇلالىسىگە ئەۋەتىلىدىغان باش ئەلچى فوجىۋارامارو (765 - 818) گە ئەگىشىپ جۇڭگوغا كەلگەن. خەتتاتلىق قابىلىيىتى يۇقىرى بولۇپ كىشىلەر ئۇنى كىتسۇ شيۇسەي دەپ ئاتاشقان. ۋەتىنىگە قايتقاندىن كېيىن كېسەل سەۋەبى بىلەن خىزمەتنى تاپشۇرالمىغان، دائىم لىشۇ ئۇسلۇبىدا ھېكمەتلىك مەسنەۋى يازغان. ۋاڭ شىجىنىڭ ئۇسلۇبى بىلەن خەت يېزىشقىمۇ ئۇستا بولغان. كېيىن خاننىڭ زاپاس ئېتىغا قارىغۇچى بولغان. 842 - يىلى (چېڭخې 9 - يىلى) شاھزادىنى تەختكە چىقارماقچى بولغان، دەپ پاش قىلىنغانلىقى ئۈچۈن تومو قاتارلىق كىشىلەر بىلەن بىللە قولغا ئېلىنىپ ئىزوغا سۈرگەن قىلىنغان، ئىزوغا بېرىش سەپىرىدە كېسەل بولۇپ ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ خەتلىرى ساگا تېننو ۋە كوڭخەت بىلەن بىللە <ئۈچ قەلەم> دەپ تەرىپلەنگەن.