Uyghur主要词典
كىتاب خەراج
ئىسلام ئاتالغۇلىرى
بۇ ئەرەبچە سۆزنىڭ مەنىسى <باج توغرىسىدا> دېگەنلىك بولىدۇ. فىقھە ئەسەر بولۇپ، بۇنى ئەبۇ يۈسۈف يازغان. Ⅷ ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا كىتاب قىلىنغان. مۇئەللىپ باغداتقا قازى كالان بولغان مەزگىلدە بۇ كىتابنى ئابباسىيلار سۇلالىسىنىڭ خەلىپىسى ھارۇن رەشىد (786 - يىلىدىن 809 - يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) غا بېغىشلاپ يازغان. كىتابتا ھۆكۈمران ( ئىمام) نىڭ ھوقۇقى، ئەمەلدار - پۇقرالارنىڭ مەجبۇرىيىتى ۋە دۆلەتنىڭ باج ئېلىش تۈزۈمى سىستېمىلىق بايان قىلىنغان. باج ۋە ئىستېمال <ئاللانىڭ ھوقۇقى>، ئۇنىڭدىن قالايمىقان پايدىلىنىشقا بولمايدۇ. ئىمام (خەلىپە) <ئاللانىڭ ۋەكىلى> بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرىئەت بويىچە ئىش قىلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. نۇرغۇن ھەدىس دەلىل كەلتۈرۈپ ئەمەلدار - پۇقرالارنىڭ ئىمامغا مۇتلەق بويسۇنۇشى كېرەكلىكى، جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلماسلىقى ئىسپاتلانغان. نەقىل كەلتۈرۈلگەن ھەدىستە مۇنداق دېيىلگەن: <ئاللاغا بويسۇنغۇچى ماڭا بويسۇنىدۇ. ئىمامغا بويسۇنغۇچى ماڭا بويسۇنىدۇ. ماڭا ئاسىيلىق قىلغۇچى ئاللاغا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ(. ئىمامغا ئاسىيلىق قىلغۇچى ماڭا ئاسىيلىق قىلغان بولىدۇ. بۇ دەسلەپكى چاغلاردىكى خەلىپە تۈزۈمى بايان قىلىغان ئەسەر بولۇپ، كېيىنكى ئۆلىمالارغا مۇھىم تەسىر كۆرسەتتى.