Uyghur主要词典
كىسپادانا جۇمھۇرىيىتى
دۇنيا تارىخى
18 - ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرى فرانسىيە ئارمىيىسى ئىتالىيىدە قۇرغان جۇمھۇرىيەت. لاتىن تىلىدا كىسپادانوس (پو دەرياسىنىڭ جەنۇبىي دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ) دەپ ئاتالغاچقا شۇنداق دەپ ئاتالغان. 1796 - يىلى ناپولېئون ئىتالىيىگە قارشى ئۇرۇش قوزغاپ، سادىن بىلەن ئاۋسترىيە بىرلەشمە ئارمىيىسىنى تارمار قىلغان. شۇ يىلى 12 - ئايدا جۇمھۇرىيەت قۇرۇلۇپ، لېزو، پولۇنىيە ۋىنرارا ۋە مانتويا قاتارلىق رايونلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. فېئوداللىق ھوقۇقنىڭ بىكار قىلىنغانلىقىنى جاكارلىغان ھەمدە پۇقرالارنىڭ تەڭ - باراۋەر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى قانۇن پەرمانلارنى ئېلان قىلغان. 1797 - يىلى 7 - ئايدا ترانسىپادانا جۇمھۇرىيىتى بىلەن قوشۇلۇپ ئالپ تاغلىرى جۇمھۇرىيىتى بولغان.