Uyghur←Chinese主要词典
كىسلاتا - ئىشقار مۇۋازىنىتى
بىئولوگىيە
酸碱平衡
suānjiǎnpínghéng
قان سۇيۇقلۇقى ۋە باشقا تەن سۇيۇقلۇقلىرىنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق دەرىجىسى ئادەتتە PH قىممىتى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. نورمال ئادەم بەدىنىدىكى قان سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق دەرىجىسى يەنى PH قىممىتى 35.7 - 47.7 ئارىلىقىدا بولۇپ، نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلايدۇ. ئادەم بەدىنى تاشقى دۇنيادىن دائىم ھەر خىل ئوزۇقلۇقلارنى قوبۇل قىلىدۇ، مېتابولىزم جەريانىدا يەنە ئۈزلۈكسىز ھالدا كىسلاتالىق ياكى ئىشقارلىق مېتابولىزم مەھسۇلاتلىرىنى ھاسىل قىلىپ تۇرىدۇ. بۇ ماددىلار قان سۇيۇقلۇقىغا كىرىپ قان سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتالىق ياكى ئىشقارلىق تەرەپكە قاراپ خېلى زور كۆلەملىك ئۆزگىرىشنى پەيدا قىلىدۇ. لېكىن قان سۇيۇقلۇقىدا كۆپ خىل بۇففېر ماددىلار بولغانلىقتىن ھەر خىل كىسلاتالىق ياكى ئىشقارلىق ماددىلار بىلەن خىمىيىلىك رېئاكسىيىگە كىرىشىپ ئۇلارنىڭ كىسلاتالىق ياكى ئىشقارلىقىنى ئاجىزلىتالايدۇ. شۇ ئارقىلىق قان سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق دەرىجىسىنىڭ ئۆزگىرىشىنىڭ چوڭىيىپ كەتمەسلىكىنى ساقلايدۇ. مەسىلەن، ھەرىكەت ياكى ئەمگەك قىلغان چاغدا ھاسىل بولغان سۈت كىسلاتاسى (لاكتىك كىسلاتا) قان سۇيۇقلۇقىغا كىرىپ كىسلاتالىق يۆنىلىشكە ئۆزگەرتىۋېتىش ئېھتىمالى مەۋجۇت. لېكىن بۇ چاغدا قان پلازمىسىدىكى ناترىي بى كاربونات ئۇنىڭ بىلەن رېئاكسىيىلىشىپ كاربونات كىسلاتاسى ۋە ناترىي لاكتات شەكىللەندۈرىدۇ. كاربونات كىسلاتاسىنىڭ كىسلاتالىقى سۈت كىسلاتاسىدىن ئاجىز ھەمدە كاربون (Ⅳ) - ئوكسىدىغا ئايلىنىپ نەپەس يولى ئارقىلىق بەدەن سىرتىغا چىقىرىۋېتىلىدۇ؛ ناترىي لاكتات بولسا، بۆرەك ئارقىلىق سۈيدۈك شەكلىدە چىقىرىۋېتىلىدۇ، مۇشۇنداق تەڭشەش ئارقىلىق قان سۇيۇقلۇقىنىڭ كىسلاتا - ئىشقارلىق دەرىجىسى نورماللىشىشقا يۈزلىنىدۇ. يۇقىرىدىكىدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، بەدەن ئىچىدىكى كىسلاتا - ئىشقارلىق دەرىجىسىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلاپ تۇرالىشىدا قان سۇيۇقلۇقى ئۆزىنىڭ بۇففېرلىق ئىقتىدارى بولغاندىن باشقا يەنە نەپەسلىنىش ئورگانلىرى ۋە بۆرەكنىڭ ئاجرىتىپ چىقىرىش فۇنكسىيىسىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ.