Uyghur主要词典
كىشى
مەنىداش سۆزلۈكلەر
باشقا بىرىنى كۆرسىتىدۇ. « خەق » بەزىدە باشقىلارغا نىسبەتەن ئۆزىنى كۆرسىتىدۇ.
خەقنىڭ ئاغزىغا قارىغان ئاچ قالار. كىشىنىڭ تەرىتىدە ناماز ئوقۇپتۇ. مەكتىپىمىزدىكى قىزلارنىڭ ھەممىسى شىفۇندىن كۆڭلەك كىيىپتۇ. خەقنىڭ يوق ( مېنىڭ يوق ).
مەنىداش سۆزلۈكلەر
پىكىرلەش، سۆزلەرش، ئەسۋاب - سايمان ياساپ ئەمگەك قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ھايۋانات.
«كىشى» ئومۇمىي ۋە كەڭ قوللىنىلىدۇ. كۆپىنچە «ئەر» مەنىسىنى بېرىدۇ «ئايال، بالا» ئايرىم ھالدا «كىشى» دېيىلمەيدۇ.
«ئادەم» ئاقىل ۋە بالىغ بولغان كىشىنى كۆرسىتىدۇ.
«ئىنسان» جىد
كىشى ئەڭ ئۇلۇغ، ئۇ ئازاد، ئەركىن بولۇش كېرەك. كىشى بىلمىسۇن دېسەڭ، قىلما. ئادەم ئەلەيھىسسالام. دانىشمەن بولۇشتىن ئادەم بولۇش تەس. ئادەم تىلىدىن كېتەر، ھايۋان مۈڭگۈزىدىن. ئادەمگە ئەقىل كېرەك، پاتقاققا شېغىل. ئادەمنى نومۇس ئۆلتۈرەر، توشقاننى قومۇش. زەنجىرنىڭ ئاخىرقى ھالقىسى ئىنسان، ئۇ - ئاچقۇچ، قۇلۇپنى ئاچىدۇ ئاسان.
قارشى مەنىلىك سۆزلەر
ئۆزدىن بۆلەك، ئۆز ھېسابلانمايدىغان.
ئۆز
ئۆزى، ئۆزىگە ياتىدىغان.
ئۆزىنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ بىلگەن يېڭىلمەيدۇ. ئۆگەي ئانىنىڭ قۇشلىغىنىدىن ئۆز ئانىنىڭ مۇشتلىغىنى ياخشى. ئاناڭ ئۆگەي بولسا، ئاتاڭ ئۆزۈڭنىڭ ئەمەس. ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ. پىچاقنى ئۆزۈڭگە سال، ئاغرىمىسا ئۆزگىگە (سال). ئۆزگىگە ئۆلۈم تىلىگۈچە، ئۆزۈڭگە ئۆمۈر تىلە. يات يېگۈچە، ئۆز ئۆلگۈچە. ئالدىدىكى ئۆزنى كۆرمەي، يىراقتىكى ياتنى كۆرۈپتۇ. يامۇلنىڭ ئىشىكى يوچۇن، كىرەلمەيسەن پۇلۇڭ يوق ئۈچۈن. باشقىنى خورلىغىنىڭ - ئۆزۈڭنى ئويلىمىغىنىڭ. كىشىنىڭ جۇۋىسىدا تەرلەپتۇ. خەقنىڭ ئىشى بىلەن كارىڭ بولمىسۇن. بىراۋنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئۆزۈڭنى ئۇنىڭ ئورنىغا قوي.
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
كىشى.
بۇ سۆز بىرلىك، كۆپلۈك، ئەر ۋە ئايالغا ئوخشاش ئېيتىلىدۇ.
3 - 310
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
خوتۇن.
مەن بۇنى ياغما ئېلىدە ئاڭلىدىم. ئۇلار «ئۇ ئۆيلەندىمۇ» دېگەن سۆزنى « ئول كىشى ئالدىمۇ» دەيدىكەن.
3 - 310
قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى سۆزلۈكلىرى
ئايال، خوتۇن
ئۇيغۇر تىلى ئۇنۋېرسال سۆزلۈكلەر
ئىسىم
پىكىر قىلىش، ئويلاش، سۆزلەش ۋە ئىشلەش ئىقتىدارىغا ئىگە جانلىق مەۋجۇدات؛ ئادەم، ئىنسان.
ئەر كىشى. خوتۇن كىشى.
كوللېكتىپ ياكى ئائىلىنىڭ ھەربىر ئەزاسى، جان.
ئائىلەڭدە قانچە كىشى بار؟
باشقا ئادەم، بىراۋ؛ ئۆزگە؛ خەق.
كىشىنىڭ ئىشى - بوسۇغا بېشى (ماقال).
كىشىنىڭ يۇرتىدا سۇلتان بولغۇچە ئۆز يۇرتۇڭدا ئۇلتاڭ بول (ماقال).
ئۇيغۇر كىشى ئىسىملىرى
قىز - ئاياللارغا خاس ئىسىم
ئۇستاز