Uyghur主要词典
كىش
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
قارا بۇلغۇن.
بۇنىڭ قۇيرۇقى « كىش قۇزرۇقى» دېيىلىدۇ.
3 - 175
تۈركىي تىللار دىۋانى سۆزلۈكلىرى
ساداق.
ئاجىزلىتىپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. ئوغۇزلار ۋە ئۇلارغا يېقىن بولغان قىپچاقلار بۇنى بىلمەيدۇ.
3 - 175
دۇنيا تارىخى
مېسوپوتامىيە ۋادىسىدىكى سۇمېرلار قەدىمىي شەھىرى. ھازىرقى ئىراقنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ھىللانىڭ شەرقىگە تەخمىنەن 20 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا، ھازىرقى خارابىلەر ئۇھائىمېر يەنى ھىللانى مەركەز قىلىپ، باندار، ستېلا قاتارلىقلاردىن تەركىپ تاپقان. 1816 - يىلى تېپىلغان، 1852 - يىلدىن باشلاپ قېزىلغان. خارابىنىڭ دائىرىسى تولىمۇ كەڭ، چىققان نەرسىلەر ئىنتايىن كۆپ. قېزىش ئارقىسىدا، ناھايىتى زور نەتىجە ھاسىل قىلىنغان. (1) ئۇر خارابىسىغا ئوخشاش ئۈچ قەۋەت كەلكۈن ئىزى مەلۇم بولغان؛ (2) نۇرغۇنلىغان سېغىز لاي مەتبەلىك يېزىلمىلار تېپىلىپ، تەتقىقات خىزمىتى ئۈچۈن يازما ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىلگەن؛ (3) <A> جامائەت قەبرىستانلىقى ۋە بىر مۇنچە قەبرىلەر ئېچىلىپ، شۇ زاماندىكى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ماددىي ماتېرىيال يەتكۈزۈپ بېرىلگەن؛ (4) ئۆي - جايلار ئىزلىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، بىناكارلىقنىڭ تەرەققىياتى ۋە كېسەكلىرىنىڭ شەكلى، ئىشلىتىلگەن دەۋرى توغرىسىدا ئىشەنچلىك ئاساس يەتكۈزۈپ بېرىلگەن.