—参考资料
كرېيسېر
جەڭ پاراخوتلىرى
كرېيسېر (ئوكيان چارلاش پاراخوتى) كۆپ خىل جەڭ قىلىش ئىقتىدارىـغـا ئىـگـە چوڭ تىپتىكى ھەربىي پاراخوت بولۇپ، ئۇنىڭغا چوڭ، ئوتتۇرا كالىبـىـرلـىـق بىرنەچچە زەمبىرەك ۋە سۇ ئاستى پاراخـوتـىـغـا زەربـە بـېـرىـش يارىغى قاتارلىقلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئۇنـىـڭ ئوت كـۈچـى زور، دېـڭىـزدا داۋاملىق ئۈزۈش ئىقتىدارى كۈچلۈك، دېڭىزغا ماسلىشـىـش ئىـقـتـىـدارى ۋە مەشغۇلات ئىقتىدارى ياخشى بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرى بار.
ئەنگلىيە − كرېيسېرنى ئەڭ بۇرۇن ياسىغان دۆلەت.1 - دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى، كرېيسېر دېڭىز ئارمىيىـسـى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دېڭىزدا زەربە بېرىدىغان ئاساسىي كۈچلىرىدىن بىرىگـە ئايلانغان. ئۇ1 -،2 - دۇنيا ئۇرۇشلىرىدا مۇھىم رولىنى جـارى قـىـلـدۇردى.1955 - يىلى، ئامېرىكا «بوستون» ناملىق ئېغىر تىـپـتـىـكـى كرېيسېرنى دۇنيا بويىچە تۇنجى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك كرېيسېرغا ئۆزگەرتتى.1957 - يىلىدىن ئېتىبارەن، ئامېرىـكـا دۇنـيـا بويىچە تۇنجى يادرو ئېنېرگىيىلىك باشقۇرۇلىدىغـان سىنارەدلىك كرېيسېر يـاسـاشـقـا بـاشـلـىـدى. شـۇنىـڭـدىـن ئېـتـىـبـارەن، باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدنى ئاساسىي ياراغ قـىـلـغـان بـاشـقۇرۇلـىـدىـغـان سىنارەدلىك كرېيسېرلارغا پـاراخوتتىن ھاۋاغا، پاراخوتتىن پاراخوتقا، پاراخوتتىن سۇ ئاستى پاراخوتىغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ۋە سـۇ ئاسـتـى پـاراخـوتـىـغـا قـارشـى تـىـك ئۇچـار ئايـروپـىلان قـاتــارلــىــقلار ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم مۇكەممەل ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر سەپلەندى. بۇلار زەمبىرەكنـى ئاسـاسـىي ياراغ قـىـلـغـان كرېيسېرلارنىڭ ئورنىنى تەدرىجىي ئالدى.
باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك كرېيسېرلارنىڭ ئاساسىي ۋەزىپىـسـى ئاۋىئاماتكىنىڭ قوغدىغۇچى پاراخوتلىرى سۈپىتىدە ئاۋىئامـاتـكـا سـېـپـىـنـى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ يىراق مۇساپىلىك پاراخوتتىن پاراخوتقا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ئاۋىئاماتكا سېپـى ۋە بـاشـقـا چوڭ تىپتىكى سەپلىرىگە ھۇجۇم قىلىدۇ؛ سۇ ھەم قۇرۇقلۇق جەڭلىرىـنـى ئوت كۈچى ياردىمى بىلەن تـەمـىـنـلـەيـدۇ، ئۇرۇش سېپىگە قوماندانلىق قىلىش پاراخوتىنىڭ رولىنى ئوينايـدۇ. ئادەتـتـىـكـى زامـانـىـۋى باشقۇرۇلىدىغان سىنارەدلىك كرېيسېرلارنىڭ ھاۋا، دېڭـىـز ۋە سۇ ئاستى پاراخوتلىرىغا قارشى ئۇرۇش قىلىش ئىـقـتـىـدارى كۈچلۈكرەك بولىدۇ. ئادەتتە مەلۇم ساندا باشقۇرۇلىدىغان سىنارەد سەپلىنـىـدۇ، ئۇنـىـڭـدا ھەم ئوتتۇرا كالىبىرلىق ئاپتوماتىك زەمبىرەك، ھەم تۆۋەن ھاۋا بوشلۇقـىـدىـن مۇداپىئەلىنىدىغان كۆپ ستۋوللۇق كىچىك كالىبىـرلـىـق زەمـبـىـرەك بـار، ئۇنىڭدىن باشقا ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق كۆپ ئىـقـتىـدارلـىـق تـىـك ئۇچار ئايروپىلان ھەم تورپېدا قاتارلىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشـى ياراغلار ۋە مۇكەممەل ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنىلەر سەپلەنگەن بولۇپ، سـەپ تۈزۈپ جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە.