Uyghur←Chinese主要词典
كرېئاتىن
بىئولوگىيە
肌酸
jīsuān
مېتىل گلىكوتسىئامىن دەپ قاراشقا بولىدۇ. ھايۋانلارنىڭ ھەر خىل توقۇلمىلىرىغا كەڭ تارقالغان، بولۇپمۇ توغرا يوللۇق موسكۇلدىكى مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. جانلىق تېنىدە ئوكسىدلىنىش - فوسفاتلىنىش ئەۋج ئېلىپ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ATP يىغىلىغان ۋاقتىدا ATP دىكى 9 ~ (يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك فوسفات بېغى) نى كرېئاتىنغا يۆتكەش بىلەن فوسفو كرېئاتىن ھاسىل بولىدۇ. بۇ رېئاكسىيىگە فوسفوكرېئاتىن كىنازىسى كاتالىزاتورلۇق قىلىدۇ. لېكىن تەن سىرتىدا ADP نىڭ قويۇقلۇقى يۇقىرى ئۆرلەپ، ATP يېتىشمىگەن ۋاقىتتا فوسفوكرېئاتىن ئۆزىدىكى P ~ نى ATP گە ئۆتكۈزۈپ بېرىپ ATP ھاسىل قىلىدۇ، شۇ سەۋەبتىن كرېئاتىن ئېنېرگىيىنى زاپاس ساقلىغۇچى ۋە يەتكۈزۈپ بەرگۈچى بولىدۇ. ھەمدە ماددا مېتابولىزمى ۋە موسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
تېببىي,ئۇنىۋېرسال
肌酸
jī suān