Uyghur主要词典
كرېۋ بىرلەشمىسى
دۇنيا تارىخى
1385 - يىل 8 - ئاينىڭ 14 - كۈنى پولشا بىلەن لىتۋا كىنەزلىكى كرېۋو (لىتۋا چېگرىسى ئىچىدە) شەھىرىدە كۈچىنى بىرلەشتۈرۈپ تېئوتون رىتسارلىرى پولكىنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرۇشنى كۆزلەپ بىرلىشىش شەرتنامىسى ئىمزالىغان. شەرتنامىگە بىنائەن. لىتۋا كىنەزى ياگېللو پۇقرالىرىغا باشلامچىلىق قىلىپ كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان بولغان، پولشا كورولىۋاسى يادۋىگانى ئەمرىگە ئالغان ھەمدە 1386 - يىلى تاج كىيىپ پولشانىڭ كورۇلى بولغان، لىتۋا پولشاغا قوشوۋېلىنغان، 1410 - يىلى 7 - ئايدا، پولشا، لىتۋا ۋە روسىيە بىرلەشمە ئارمىيىسى گيۇنۋالد (تاننېنبېر جېڭى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) جېڭىدە تېوتون رىتسارلىرى پولكىغا ئەجەللىك زەربە بەرگەن.