Uyghur←Chinese主要词典
كرۇگېر
دۇنيا تارىخى
克留格尔
kè liú gé ěr
(1825 - 1904) بۇرلىق. ترانسۋال جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى (1883 - 1900). كاپ مۇستەملىكىسىنىڭ كولېسبىرگ شەھىرىدە تۇغۇلغان. ياشلىق دەۋرىدە مارابىلىلار بىلەن زۇلۇلارنى بويسۇندۇرۇش مۇستەملىكىچىلىك ئۇرۇشلىرىغا قاتناشقان. ئەنگلىيەنىڭ قوشۇۋېلىش سىياسىتىگە قارشى تۇرۇپ، ترانسېۋال جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئورانگې ئەركىن شتاتنىڭ ئىتتىپاق تۈزۈشىنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. 1864 - يىلى ترانسۋال جۇمھۇرىيەت ئارمىيىسىنىڭ قوماندانى بولغان. 1877 - 1883 - يىللىرى ئەنگلىيە ئارمىيىسى ترانسىۋال جۇمھۇرىيىتىنى بېسىۋالغان مەزگىلدە ئىككى نۆۋەت لوندونغا بېرىپ، ترانسۋال جۇمھۇرىيىتىنىڭ مۇستەقىللىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدىكى سۆھبەتكە قاتناشقان. 1880 - 1881 - يىللىرى بۇرلار ئارمىيىسىنىڭ باش قوماندانى بولغان. 1883 - يىلدىن تارتپ ئۇدا تۆت قېتىم ترانسۋال جۇمھۇرىيىتى زۇڭتۇڭى بولغان. بۇ مەزگىلدە دېڭىز قىرغاق رايونىغا قارىتا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، بانتولارنىڭ زېمىنىنى بېسىۋالغان؛ ئەنگلىيەنىڭ تاجاۋۇزىغا قارشى تۇرغان. 1899 - يىلى ئەنگلىيە - بۇر ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، باش قوماندان بولغان. 1900 - يىلى ياۋرۇپاغا ياردەم سوراپ بارغان. كېيىن ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۋېتسارىيىدە ئولتۇراقلىشپ قالغان.